باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىنىڭ 30 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ باج ئىسلاھاتى قانۇن لايىھەسى پات ئارىدا ئېلان قىلىنىدۇ

2017.12.05 16:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ترامپ ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ « نەتىجە »بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئامېرىكىنىڭ 30 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ باج ئىسلاھاتى قانۇن لايىھەسى پات ئارىدا ئېلان قىلىنىدۇ. ئامېرىكىدىكى شىركەتلەرنىڭ باج نىسبىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ، باج تۈزۈلمىسىدىمۇ بىر قەدەر زور ئۆزگىرىش بولىدۇ. يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە ۋە ئەڭ مۇھىم ئىستېمال بازىرى ۋە مەبلەغ سېلىش نىشانى بولغان ئامېرىكىنىڭ باجنى كەڭ كۆلەمدە ئىسلاھ قىلىشى نەتىجىسىدە پۈتكۈل يەر شارى مىقياسىدا پۇل مۇئامىلە ۋە سانائەت كاپىتالىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئامېرىكىغا ئېقىپ كىرىشى ياكى كىرمەسلىكى جەمئىيەتتىكىلەر كەڭ كۆلەمدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان تېما بولۇپ قالدى.

  ئاۋام پالاتاسى ئالدىنقى ئايدا باجنى كېمەيتىش قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىغاندىن كېيىن، كېڭەش پالاتاسى 2–دېكابىر سەھەردە 51 ئاۋازنىڭ قوللىشى، 49 ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشىدەك نەتىجە بىلەن ئۆزىنىڭ نۇسخىسىدىكى باج ئىسلاھاتى قانۇن لايىھەسىنى زورمۇ زور ماقۇللىدى. 4 – نويابىردىن باشلاپ، كېڭەش پالاتاسى بىلەن ئاۋام پالاتاسى مۈشكۈل «ياراشتۇرۇش » كېڭىشىشى ئۆتكۈزۈپ، ئىككى نۇسخىدىكى ئوخشىمايدىغان جايلارنى تۈگىتىشكە تىرىشتى. نۆۋەتتە، ئىككى پالاتانىڭ نۇسخىسىدىكى نۇرغۇن تەپسىلاتلاردا ناھايىتى زور ئىختىلاپ بار، مەسىلەن، شەخسلەر تاپاۋەت بېجى دەرىجىسىنى تەڭشەش، شىركەتلەرنىڭ بېجىنى كېمەيتىشنى باشلاش ۋاقتى، بېجىنى توغرىلاپ چىقىرىۋېتىشكە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر ۋاھالازالار.

  ئىختىلاپلىرىنى تۈگىتىش كېڭىشىشى ناھايىتى جاپالىق بولىدۇ، كېڭىشىشتىن كېيىن ھاسىل قىلىنغان بىرلىككە كەلگەن نۇسخىسىنى يەنە چوقۇم ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئىككى پالاتا ئاۋازغا قويۇشقا توغرا كېلىدۇ، ئىككى پالاتا ئاۋاز بېرىپ ماقۇللىغاندىن كېيىن، زۇڭتۇڭ ئىمزا قويغاندىلا ئاندىن قانۇنغا ئايلىنىدۇ. ئامېرىكا پارلامېنتىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر بۇ يىل روژدېستۋا بايرىمىدىن بۇرۇن باج ئىسلاھاتى ھەققىدە قانۇن چىقىرىشنى تاماملاشنى ئۈمىد قىلماقتا، لېكىن تەھلىلچىلەر بۇ ئىشنىڭ كېلەر يىلىنىڭ بېشىغا سۈرۈلۈش مۇمكىنچىلىكىنى يوققا چىقارغىلى بولمايدۇ دېيىشتى.

  باج ئىسلاھاتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچىگە بولغان تەسىرىدىن قارىغاندا، نۆۋەتتە ئىككى پالاتانىڭ نۇسخىسىدا بايلارغا يان بېسىلغان. ۋاشىنگتون ئاقىللار ئامبىرى باج سىياسىتى مەركىزىنىڭ تەتقىقاتىغا قارىغاندا، بۇ قېتىمقى باجنى كېمەيتىشتىن نەپ ئالىدىغانلارنىڭ كۆپ قىسىمى يۇقىرى كىرىملىك ئائىلىلەر بولىدىكەن. شۇڭا، بۇ قېتىمقى باج ئىسلاھاتى ئامېرىكىدىكى باي - نامراتلىق پەرقى ۋە ئىجتىمائىي زىددىيەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىۋېتىشى مۇمكىن.

  خەلقئارا جەھەتتىن قارىغاندا، بۇ قېتىمقى باج ئىسلاھاتىنىڭ ئەڭ چوڭ تەسىرى بولسا ئامېرىكىنىڭ كارخانا تاپاۋەت بېجى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ، ئامېرىكىنىڭ باج تۈزۈلمىسى ئۆزگىرىدۇ.1-، ئامېرىكىنىڭ كارخانا تاپاۋەت بېجى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ % 35 پىرسەنتتىن %20كە چۈشىدۇ. ئۇندىن باشقا، دۆلەت ھالقىغان كارخانىلار چەت ئەلدىكى باجدىن قېچىش ئۈچۈن بېسىپ قويغان 2 تىرىليون 600 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى پايدىسىغا، بىر قېتىمدىلا %14 باج تاپشۇرۇپ ئامېرىكىغا قانۇنلۇق پېرېۋوت قىلالايدۇ.

  2-،ئامېرىكا ھازىر دۇنيانىڭ باج تۈزۈلمىسىنى تەۋەلىك باج تۈزۈلمىسىگە ئۆزگەرتمەكتە، چەت ئەلدىكى شۆبە شىركەتلەرنىڭ پاي ئۆسۈمى تاپاۋەت بېجىنى كەچۈرۈم قىلدى. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ قېتىمقى باج ئىسلاھاتىدا دۆلەت ھالقىغان كارخانىلارغا يېڭىدىن %20 ئىجرا بېجى قوشۇلۇپ، بۇ كارخانىلارنىڭ ئامېرىكىدىن باشقا تارماق ئاپپاراتلار ئارقىلىق ئىچكى قىسمىدا سودىلىشىپ باجدىن قىچىشى چەكلەندى. بۇ يېڭى باج تۈرى خەلقئارا كەسىپ زەنجىرىگە زەربە بولۇپ، دۆلەت ھالقىغان كارخانىلارنىڭ كەسىپلىرىنى ئامېرىكىدىن يۆتكىشىنى توسۇشى مۇمكىن.

  باج ئىسلاھاتى قانۇن لايىھەسى نەچچە يۈز بەت كېلىدۇ، مەزمۇنى چوڭقۇر ۋە مۇرەككەپ، تەھلىل ئاپپاراتلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئامېرىكىنىڭ باج ئىسلاھاتى سەۋەبلىك خەلقئارا پۇل مۇئامىلە ۋە سانائەت كاپىتالىنىڭ يۆتكىلىشىدە دەرھال غايەت زور ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقى ياكى بولمايدىغانلىقى ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرىشى تەس. ئۇلار ئاددىيلا يەكۈن چىقىرىشتىن ساقلىنىش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى.

  بىرىنچى، گەرچە ترامپ ھۆكۈمىتى باج كېمەيتىش كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى كېڭەيتىشىگە پايدىلىق، ئىقتىسادنى تېخىمۇ تېز ئاشۇرىدۇ، دېگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىقتىسادشۇناسلار مۇنداق دەپ ئاگاھلاندۇردى: تېخىمۇ تۆۋەن باج نىسبىتىنىڭ كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى زورايتىشىغا سەۋەب بولۇشى ناتايىن، كارخانىلار تېخىمۇ كۆپ مەبلىغىنى پۇل مۇئامىلە بازىرى ياكى پايدا تەقسىملەشكە ئىشلىتىشى مۇمكىن، لېكىن بۇنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا پايدىلىق بولۇشى ناتايىن.

  گەرچە ئامېرىكىنىڭ نامدىكى كارخانا باج نىسبىتى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى بولسىمۇ، لېكىن ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، تۈرلۈك توغرىلاپ چىقىرىۋېتىش ۋە باج يوچۇقلىرى بولغانلىقتىن، ئامېرىكىنىڭ ئەمەلىي كارخانا باج نىسبىتى پەقەت % 18.1 ئىكەن، ياپونىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، كانادا، ئىتالىيەنىڭ % 19.4 ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن تۆۋەن تۇرىدىكەن. بۇ خىل ئەھۋالدا، باج كېمەيتىش نۆۋەتتىكى مەبلەغ سېلىش ھەرىكىتىنى ئۆزگەرتەلەمدۇ يوق، بۇنى بىلگىلى بولمايدۇ.

  ئىككىنچى، ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ باج نىسبىتىنى ئاددىي سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىشىنىڭ مۇقەررەر يۆنىلىشى باج نىسبىتى تۆۋەن دۆلەتلەرگە بۇرۇلىدۇ دەپ يەكۈن چىقىرىشقا بولمايدۇ، چۈنكى باج نىسبىتى پەقەت كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى، بۇ باشقا ئامىللار ئالايلۇق: بازىرىنىڭ كۆلىمى، تەمىنلەش زەنجىرى، سانائەت توپى، سودا مۇھىتى، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش مۇھىتى، ماكرولۇق سىياسەت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  كۆزەتكۈچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى ئامېرىكا باج ئىسلاھاتىدا ئەڭ ئەنسىرەشكە ئەرزىيدىغان تەرەپ شۇكى، بۇنى باج نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش دېگەندىن كۆرە، باج ئاساسىنى تالىشىش دېگەن ياخشى، يەنى ئىجرا قىلىش بېجىدا ئىلگىرىكى باج تاپشۇرۇش دائىرىسىدە بولمىغان خەلقئارا سودا ئامېرىكىنىڭ باج تاپشۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى، ياكى باج پىشاڭى ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ھالقىسى ئامېرىكىدا قالدۇرۇلدى.

  بى ماۋېي بوغالتىرلىق ئورنىنىڭ تەتقىقاتىدا مۇنداق دېيىلدى: ئاۋام پالاتاسىنىڭ باج ئىسلاھاتى نۇسخىسىنىڭ دۇنيانىڭ باج تۈزۈلمىسىنى ماسلاشتۇرۇش ۋە خەلقئارا كەسىپ زەنجىرىگە ئېلىپ كېلىدىغان خىرىسىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ، ئەگەر بۇ نۇسخىدىكى تەكلىپ ئاخىرىدا قانۇنغا ئايلانسا، ھازىرقى نۇرغۇن ئىككى تەرەپلىك ۋە كۆپ تەرەپلىك باج كېلىشىمىنى تەڭشەشكە توغرا كېلىدۇ.

  ئىقتىساد دۇنياۋىلىشىۋاتقان دەۋردە، بولۇپمۇ ھەرىكەتچانلىقى تېخىمۇ كۈچلۈك، رەقەملىك ئىقتىساد تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە، خەلقئارادا باج ماسلاشتۇرۇش مەسىلىسى كۈنسايىن ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ. خەلقئارادىكى باج يوچۇقلىرىدىن پايدىلىنىپ دۆلەت ھالقىغان كارخانىلار غالجىرانە باجدىن قاچماقتا، رىقابەت خاراكتېرلىك باج كېمەيتىش ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مالىيە ئەھۋالىنى يامانلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن، باج ئاساسىنى تالىشىش قوش باج ئېلىش، تەمىنلەش زەنجىرى بۇرمىلىنىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇڭا باج مەسىلىسى بىر دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى خەلقئارا ھەمكارلىققا موھتاج بولغان كۆپ تەرەپلىك مەسىلە.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر