باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

لى پېڭشىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىسلاھاتى خىزمىتى تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى:

ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى ھەقىقىي تۈردە پارتىيە ئامما بىلەن ئالاقە باغلايدىغان، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان مۇستەھكەم بازا قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

2017.12.05 09:44         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىسلاھاتى خىزمىتى تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنى 12- ئاينىڭ 2- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلدى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى مۇھىم كۆرسەتمىسى، مەركەزنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىسلاھاتى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى ۋە ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئىسلاھات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا پۇختا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىسلاھاتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى ھەقىقىي تۈردە پارتىيە ئامما بىلەن ئالاقە باغلايدىغان، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان مۇستەھكەم بازا قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىسلاھات ئىشخانىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ جيەنشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  لى پېڭشىن مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىسلاھاتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئالاھىدە مۇھىملىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىمىزگە ئېلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا كۆڭۈلدىكىدەك ئىسلاھات نەتىجىسى تاپشۇرۇشىمىز كېرەك.

  لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: توغرا يۆنىلىشنى ئىگىلەش − ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىسلاھاتىنىڭ بىرىنچى تەلىپى. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چوقۇم چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي سەگەكلىكنى ساقلاپ ۋە سىياسىي ئىرادىنى مۇستەھكەملەپ، «ئالتىدە چىڭ تۇرۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە «سىياسىيلىق، ئىلغارلىق، ئاممىۋىلىق»نى كۈچەيتىش ئاساسىي تەلىپىنى زىچ چۆرىدەپ، دىققەتنى «تۆتلەشتۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا يېقىندىن مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئاممىۋى تەشكىلاتلار تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەش كېرەك. «تۆت ئاڭ»نى چوقۇم ھەقىقىي كۈچەيتىپ، باش نىشان − يېتەكچى، بايراق، يۆنىلىش دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش كېرەك، بارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىسلاھاتىنى باش نىشاننى چۆرىدىگەن ھالدا پىلانلاش، ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بارلىق خىزمەتلەردە دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشانغا بويسۇنۇپ، باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

  لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەسىلە ھەل قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىسلاھاتىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىلىرىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. ئىدىيەۋى- سىياسىي قۇرۇلۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلار سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ئورگانلارنى ئىخچاملاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىنى كۈچەيتىپ، خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەشكىلاتلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مۇلازىمەت فۇنكسىيەسى دائىرىسىنى كېڭەيتىش ۋە ئۇنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى ئىنكاس قىلىشنى كۈچەيتىپ، قانۇن بويىچە جەمئىيەت باشقۇرۇشقا ئىشتىراك قىلىپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى يۆتكەشنى ئۈستىگە ئېلىش كېرەك. شەكىل ۋە ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، توردا ئاممىۋى خىزمەت ئىشلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى ماس ھەرىكەتلىنىشكە تەشكىللەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورگان كادىرلىرىنىڭ خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئاممىنى يېتەكلەش، سەپەرۋەر قىلىش، ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتەك فۇنكسىيەلىك رولىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

  لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىسلاھاتى ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. ئىش تەقسىماتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، بەنزە ئەزالىرىنى ياخشى سەپلەپ، كۈچلۈك قوشۇن قۇرۇش كېرەك، خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلەر بويىچە يېتەكلەپ، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر