باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مايكول فلىينىن ئۆزىنىڭ رۇسىيە بىلەن ئۇچراشقانلىقى ھەققىدە يالغان گۇۋاھلىق بەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى

2017.12.05 16:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكىدىكى «رۇسىيە بىلەن ئۇچرىشىش» نى تەكشۈرۈش مۇھىم دېلوسىغا چېتىشلىق ئادەملەرنىڭ بىرى بولغان سابىق زۇڭتۇڭنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى ياردەمچىسى مايكول فلىينىن 1-دېكابىر ئۆزىنىڭ رۇسىيە بىلەن ئۇچراشقانلىقى ھەققىدە فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىگە يالغان گۇۋاھلىق بەرگەنلىكىنى ھەمدە زۇڭتۇڭ ترامپنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ بۇ ئۇچرىشىشلارغا قاتناشقانلىقى ھەقتە يوليورۇق بەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.

  فىلىينىن شۇ كۈنى ۋاشىنگتون فېدېراتسىيە يەرلىك سوت مەھكىمىسىدە سوتقا چىقتى. سوت قاراپ چىقىش خاتىرىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، فىلىينىن بۇ يىل 1-ئايدا ئۆزىنىڭ رۇسىيە بىلەن ئۇچراشقانلىقى ھەققىدە فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىگە يالغان گەپ قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.

  بۇلتۇر 12–ئايدا فىلىينىن ترامپ ئۆمىكىدىكى ئاچقۇچلۇق شەخس بولۇش سۈپىتى بىلەن رۇسىيە بىلەن ئاز دېگەندە ئىككى نۆۋەت خۇپىيانە ئۇچراشقان. بىرىنچى نۆۋەت، فىلىينىن رۇسىيەنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سېرگىي جىسرىيوك بىلەن تېلېفونلىشىپ، رۇسىيەدىن ئوباما ھۆكۈمىتى يېقىندا ئېلان قىلغان رۇسىيەنى جازالاش تەدبىرىدىن ئۆچ ئالماسلىقنى، جىددىي ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشنى تەلەپ قىلغان؛ ئىككىنچى نۆۋەت، فىلىينىن مەلۇم بىر «يۇقىرى قاتلام زاتى»نىڭ ھاۋالىسى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئىسرائىلىيەگە ئالاقىدار بىر قارارى توغرىسىدا رۇسىيە بىلەن سۆزلىشىپ، رۇسىيەنىڭ كېچىكتۈرۈپ قارار چىقىرىشى ياكى ئىنكار قىلىش ئاۋازى بېرىشىنى ئۈمىد قىلغان.

  ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، فلىينىننىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان سۆھبەت مەزمۇنى قانۇنغا خىلاپ ئەمەس ئىكەن، لېكىن ئۇ قانۇنغا خىلاپ يالغان گۇۋاھلىق بەرگەن.

  فىلىينىن بۇنىڭدىن بۇرۇن فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ سورىقىنى قوبۇل قىلغاندا، جىسرىيوك بىلەن تېلېفونلاشقاندا جازالاش ياكى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلدى. فلىينىن1-دېكابىر بىر يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالايدىغانلىقىنى ھەمدە پەۋقۇلئاددە تەپتىش ئەمەلدارى مىلنىڭ تەكشۈرۈشىگە ماسلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئۇ بۇ قارارنى چىقىرىشىم « ئائىلەم ۋە دۆلەتنىڭ مەنپەئەتى»ئۈچۈن دېدى.

  ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئەھۋالدىن خەۋەردار بىر قانچە زات ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: فىلينىن ئېيتقان « يۇقىرى قاتلام زاتى» ترامپنىڭ كۈيئوغلى كوشنېر. كوشنېر يەھۇدىي پۇشتىدىن، دائىم ئىسرائىلىيەنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ۋائىزلىق قىلىدۇ. كوشنېر بۇنىڭغا ۋاقتىنچە ئىنكاس قايتۇرمىدى.

  ترامپ شۇ كۈنى ئاق سارايدىكى پائالىيەتكە قاتناشقاندا، فىلينىن توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرمىدى.

  رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، ترامپ فىلينىنغا رۇسىيە بىلەن ئۇچرىشىش ھەققىدە يوليورۇق بەرگەن تەقدىردىمۇ جىنايەت شەكىللەنمەيدىكەن، لېكىن ئەگەر ئۇ فىلينىنغا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىگە يالغان گۇۋاھلىق بېرىش ھەققىدە كۆرسەتمە بەرگەن بولسا جىنايەت ھېسابلىنىدىكەن. ھازىر ترامپنىڭ فىلىينىننىڭ رۇسىيە بىلەن ئۇچرىشىش دېلوسىغا قاتناشقانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپات يوق.

  ترامپ سايلام رىقابىتى ئۆمىكى بۇلتۇر زۇڭتۇڭ سايلىمى مەزگىلىدە رۇسىيە بىلەن « تىل بىرىكتۈرۈپ »، چوڭ سايلام نەتىجىسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇشقا ئۇرۇندى، دەپ ئەيىبلەندى.

  رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ ئۆتكەن يىلىدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمىغا ئارىلاشقانلىقىنى كۆپ قېتىم رەت قىلدى، ئامېرىكا رۇسىيەدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى زاتلارغا ياردەم بېرىپ، رۇسىيەنىڭ سايلىمىغا ئارىلاشتى دەپ ئەيىبلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر