باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يېڭى ئىدىيە بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، يېڭى نەتىجىلەر بىلەن كەلگۈسىنى يارىتىمىز

2017.12.05 09:42         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرلىرىمىز رەناگۈل خۇدابەردى، خەن چىنيەن خەۋەر قىلىدۇ: مائارىپ سىستېمىسىنىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى روھىنى تەشۋىق قىلىش «100 كىشىلىك لېكسىيە ئۆمىكى» 11- ئاينىڭ 29-، 30- كۈنلىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەشۋىقات، دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

  «100 كىشىلىك لېكسىيە ئۆمىكى»نىڭ ئەزاسى، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ماركسىزم ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، پىروفېسسور ئەي سىلىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ ئاساسىي تېمىسى توغرىسىدا تەشۋىقات دوكلاتى بەردى. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئىدىيەۋى- سىياسىي دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، ھەرقايسى ئىنستىتۇتلاردىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ 300 نەچچە كىشى لېكسىيەنى ئاڭلىدى.

  دوكلات بېرىش يىغىنىدا پىروفېسسور ئەي سىلىن پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى زىچ چۆرىدەپ، 19- قۇرۇلتاي روھىنى يېڭى دەۋر، يېڭى ئىدىيە، يېڭى زىددىيەت، يېڭى نەتىجە، يېڭى نىشان، يېڭى مۇۋەپپەقىيەت، يېڭى ئورۇنلاشتۇرما، يېڭى تەلەپ قاتارلىق جەھەتلەردىن يېشىپ چۈشەندۈرۈپ، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىغا بولغان چۈشەنچىسى ۋە تونۇشىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇردى. تەشۋىقات دوكلاتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئەي سىلىن نەق مەيداندىكى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.

  شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماركسىزم ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى شۈ لىڭ تەشۋىقات دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: ئۆزۈمنىڭ مۇشۇنداق ئۇلۇغ دەۋردە ياشاۋاتقانلىقىمدىن بەخت ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغا چۆمدۈم ھەم زىممەمدىكى مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلاشقانلىقىنى ھېس قىلدىم. بۇنىڭدىن كېيىن پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىستۇدېنتلارنىڭ ئىدىيەۋى- سىياسىي خىزمىتىگە باشتىن- ئاخىر سىڭدۈرۈپ، ھەم قىزىللاشقان، ھەم ئىختىساسلاشقان، ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك، ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ لاياقەتلىك قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىشەنچلىك ئىز باسارلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە تېگىشلىك تۆھپە قوشىمەن.

  شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىستۇدېنتلار لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ خۇي مۇنداق دېدى: تەشۋىقات دوكلاتىنى ئاڭلاپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى توغرىسىدا تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم ھەم زور ئىلھام ئالدىم. ئىستۇدېنتلار لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ساۋاقداشلىرىمنى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىسىنى قوراللاندۇرۇشقا چاقىرىق قىلىپ، ئۇلارنى غايىلىك، قابىلىيەتلىك، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالالايدىغان يېڭى ياشلاردىن بولۇشقا رىغبەتلەندۈرىمەن.

  «100 كىشىلىك لېكسىيە ئۆمىكى»نىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماركسىزم ئىنستىتۇتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى سۈن شىگو قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ باش تېمىسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرگەنلىكى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەمىزنىڭ تارىخىي بۇرچى، ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسىي زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى قاتارلىق جەھەتلەردىن پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى سىستېمىلىق، ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر چۈشەندۈردى ھەم نەق مەيداندىكى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. لېكسىيە زالى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار بىلەن لىق تولدى، ئۇلار دوكلاتنى قېتىرقىنىپ ئاڭلاپ، مەزمۇنىدىن تولۇق خاتىرە قالدۇردى.

  لېكسىيە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى ۋۇ خۇڭجەن مۇنداق دېدى: پىروفېسسور سۈن شىگونىڭ بىزگە ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر، قالتىس بىر مەيدان لېكسىيە سۆزلەپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمىز. پىروفېسسور سۈن شىگونىڭ چوڭقۇر، جانلىق، قايىل قىلارلىق، تارىخ تۇيغۇسى ۋە زامانىۋى تۇيغۇ گىرەلەشكەن، ئىدىيەۋىلىك ۋە ئەمەلىيەتچانلىققا تەڭ ئەھمىيەت بېرىلگەن بۇ بىر قېتىمقى پارتىيە دەرسى بىزگە ئېتىقادنىڭ، ھەقىقەتنىڭ، ئىشەنچنىڭ، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنىڭ قۇدرىتىنى تېخىمۇ ھېس قىلدۇردى.

  قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى مائارىپ ئىلمى ئىنستىتۇتىنىڭ 3- يىللىق ئوقۇغۇچىسى رازىيە قۇربان مۇنداق دېدى: پىروفېسسور سۈن شىگونىڭ لېكسىيەسىنى ئاڭلاپ، دۆلىتىمىزنىڭ گۈللىنىپ قۇدرەت تېپىۋاتقانلىقىدىن، ئۇلۇغ ھەم شەرەپلىك پارتىيەمىزدىن پەخىرلەندىم. يېڭى دەۋردە بىز ياشلار كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش تايىقىنى قولىمىزغا مەھكەم ئېلىپ، پۇرسەتنى تۇتۇپ، يۆنىلىشىمىزنى توغرىلاپ، يېڭىلىق يارىتىش قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، دادىل ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ياشلىق باھارىمىز ۋە قىزغىنلىقىمىز بىلەن يېڭى كەلگۈسىنى يارىتىشىمىز كېرەك.

  ئىگىلىشىمىزچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى»نىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مائارىپ سىستېمىسىدا پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنىنى تېخىمۇ قوزغاش ئۈچۈن، مائارىپ سىستېمىسىنىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى روھىنى تەشۋىق قىلىش «100 كىشىلىك لېكسىيە ئۆمىكى» قۇرغان، بۇ ئۆمەكنىڭ ئەزالىرى مائارىپ مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، مەركەز باشقۇرۇشىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتكوم شۇجىلىرى، مائارىپ سىستېمىسىدىكى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ قىسمەن ۋەكىللىرى، يەرلىك پارتكوم مائارىپ تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەردىكى ئون نەچچە پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن مۇتەخەسسىسىدىن تەشكىللەنگەن، ئۇلار 11- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېلەر يىلى 1- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە مەملىكىتىمىزنىڭ جاي- جايلىرىدا لېكسىيە سۆزلەش ۋە سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ بارىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر