باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «يېتەكچى پىكىر» نى بېسىپ تارقاتتى

كەنت ئىشلىرى نازارەتچىلىكى كومىتېتىنى قۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك

2017.12.05 16:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «كەنت ئىشلىرى نازارەتچىلىكى كومىتېتى قۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  «كەنت ئىشلىرى نازارەتچىلىكى كومىتېتى قۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  كەنت ئىشلىرى نازارەتچىلىكى كومىتېتى كەنت ئاھالىلىرى كەنت ئىشلىرىنى دېموكراتىك نازارەت قىلىدىغان ئاپپارات. كەنت ئىشلىرى نازارەتچىلىكى كومىتېتى قۇرۇش كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەنبەسىدىن چەكلەپ، يېزىلارنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئاساسىي قاتلامغىچە كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەنت پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى ھاياتىي كۈچكە تولغان كەنت ئاھالىلىرى ئاپتونومىيە مېخانىزمىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەنت دەرىجىلىك دېموكراتىك باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، يېزا-كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، مەركەزنىڭ ئالاقىدار تەلىپى ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كەنت ئاھالە كومىتېتى تەشكىلىي قانۇنى»دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ھازىر كەنت ئىشلىرى نازارەتچىلىكى كومىتېتى قۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدا تۆۋەندىكى يېتەكچى پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  بىرىنچى، ئومۇمىي تەلەپ. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، يېزا ئاساسىي قاتلام تەشكىلىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما ۋە تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەنت ئىشلىرى نازارەتچىلىكى كومىتېتىنى قۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەنت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتى ۋە كەنتنىڭ كوللېكتىپ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يېزىلارنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى مۇستەھكەملەش. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، باشتىن-ئاخىر كەنت پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ يادرولۇق ئورنىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، كەنت ئىشلىرى نازارەتچىلىكى كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پارتىيە رەھبەرلىكىدە يولغا قويۇش؛ ئورنىنى ئېنىق بېكىتىش، كەنت ئىشلىرى نازارەتچىلىكى كومىتېتى كەنت ئاھالىسىنىڭ ئاپتونومىيە مېخانىزمى ۋە كەنت دەرىجىلىك خىزمەت مېخانىزمىنىڭ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈشى بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرى كەنت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىدىغان ئاساسلىق شەكىل؛ قانۇن بويىچە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، كەنت ئىشلىرى نازارەتچىلىكى كومىتېتىنىڭ قانۇن بويىچە ھوقۇق يۈرگۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپ ۋە ئۇنى قوللاپ، كەنت دەرىجىلىك ئىشلارنىڭ ئاشكارا، ئادىل، ھەققانىي بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش.

  (تەپسىلاتىنى مەنبەدىن كۆرۈڭ)

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر