باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ۋاڭ خۇنىڭ «قىزىل كېمە روھى» نى ئەۋج ئالدۇرۇش سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورىقىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، «قىزىل كېمە روھى» نى كۈچەپ ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۇلۇغ روھ بىلەن ئۇلۇغ ئەمەلىيەتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەكىتلىدى

2017.12.05 16:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. «قىزىل كېمە روھى» نى ئەۋج ئالدۇرۇش سۆھبەت يىغىنى 4-دېكابىر جېجياڭ جياشىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭ «قىزىل كېمە روھى» نىڭ چوڭقۇر مەزمۇنى ۋە دەۋر قىممىتىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە شەرھىلىدى ھەم نەنخۇ قىزىل كېمىسىنى ئەسلەپ، «قىزىل كېمە روھى» نى دەۋر ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا كۈچەپ ئەۋج ئالدۇرۇپ، «قىزىل كېمە روھى» نى مەڭگۈ نۇر چاچقۇزۇشنى تەكىتلىدى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «قىزىل كېمە روھى» قاتارلىق ئىنقىلابىي روھنى ئەۋج ئالدۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورىقىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، كادىرلار ۋە ئاممىنى ئۇلۇغ روھ بىلەن ئۇلۇغ ئەمەلىيەتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەڭگۈ تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋەزىپىلەرنى بوشاشماي تىرىشىپ ئورۇنداشقا ئىلھاملاندۇرىشىمىز ۋە ئۈندىشىمىز كېرەك.

  ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «قىزىل كېمە روھى» جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە قۇرۇش روھىنى مەركەزلىك نامايان قىلغان، جۇڭگو ئىنقىلابىي روھىنىڭ مەنبەسى بولۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلى مەقسىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئۇنىڭدىكى ئىجادكارلىق روھى، كۈرەش قىلىش روھى، ئۆزىنى بېغىشلاش روھى پارتىيەمىزنى بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىشقا ئۈندەيدىغان مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، پارتىيەمىزنىڭ پارتىيە قۇرۇش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشىدىكى قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقى، شۇنداقلا يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلانلاندۇرۇشتىكى كۈچلۈك مەنىۋى تىرەك بولۇپ، يېڭى دەۋر ئۇزۇن سەپەر يولىنى ياخشى مېڭىشتا، ئۇنىڭغا ئۈزلۈكسىز يېڭى دەۋر مەزمۇنى قوشۇشىمىز ۋە يېڭى دەۋر نۇرىنى چاچقۇزۇشىمىز كېرەك. «قىزىل كېمە روھى» نى ئەۋج ئالدۇرۇشنى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىن ئىبرەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى پۇختا ئىگىلەپ، ئۆگىنىش، چۈشىنىش، ئىگىلەشكە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. «قىزىل كېمە روھى» قاتارلىق ئىنقىلابىي روھنى ئۆگىنىش ۋە تەشۋىق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نەزەرىيە تەتقىقاتىنى شەرھىلەشنى كۈچەيتىپ، تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى تەربىيەلەش ئەمەلىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كىشىلەرنى يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىشقا يېتەكلىشىمىز كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خۇاڭ كۈنمىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر