باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرايلى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۇنيادىكى پارتىيەلەرنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر بىلەن سۆزلىشىش يىغىنىدا سۆزلىگەن ئاساسىي مەقسەت سۆزى توغرىسىدا(2)

2017.12.05 16:47         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىنسانىيەتنىڭ ھارماي- تالماي تىرىشىپ ئىنتىلىۋاتقان ئارزۇسى، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش دۇنيادىكى ھەرقايسى پارتىيەلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى.

  «ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ مەنىسى: ھەر بىر مىللەت، ھەر بىر دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرى زىچ باغلانغان، بوران- چاپقۇندىمۇ، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، ئۆزىمىز تۇغۇلۇپ ئۆسكەن دۇنيانى تىرىشىپ ئىناق چوڭ ئائىلە قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش دېگەنلىكتۇر». باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۇنيادىكى پارتىيەلەرنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر بىلەن سۆزلىشىش يىغىنىدا ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ گۈزەل خەرىتىسىنى چوڭقۇر سۈرەتلەپ، گۈزەل دۇنيا قۇرۇشتىن ئىبارەت «تۆت نۇقتىلىق تەشەببۇس»نى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى پارتىيەلەرنىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىش ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرىشىنى قىزغىن مۇراجىئەت قىلىپ، يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان پارتىيە ۋە سىياسىي تەشكىلات رەھبەرلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك دىققىتىنى تارتتى.

  ئوخشىمىغان دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تىلى، تۇرمۇش ئۇسۇلى ئوخشاش بولمىسىمۇ، بىراق ھەممىمىز ئورتاق ياشاۋاتقان بۇ دۇنياغا نىسبەتەن بەزى ئورتاق ئارزۇسى بار. بىز ۋەھىمىدىن يىراق، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر دۇنيانى، نامراتلىقتىن يىراق، ئورتاق گۈللەنگەن دۇنيانى، بېكىنمىچىلىكتىن يىراق، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان دۇنيانى، تېغى يېشىل، سۈيى سۈزۈك، پاكىز، گۈزەل دۇنيانى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان گۈزەل دۇنيا قۇرۇشتىن ئىبارەت «تۆت نۇقتىلىق تەشەببۇس»تا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئورتاق ئىنتىزارى ئىگىلەنگەن، گۈزەل ئارزۇنى شانلىق رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن دۇنياغا باغلىغان چوڭقۇر رىشتىسى ۋە پارتىيەنىڭ مەسئۇلىيىتى تەشەببۇس قىلىنغان.

  بۇنداق گۈزەل دۇنيا قۇرۇپ چىقىش ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشنىڭ مۇقەررەر يولى. ئورتاق بولغان، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلاشقان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان يېڭى بىخەتەرلىك قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئادىل، ھەققانىي بولغان، ئورتاق قۇرۇپ ھەمبەھرىلىنىدىغان بىخەتەرلىك ئەندىزىسىنى بەرپا قىلغاندىلا تىنچلىق نۇرى پۈتۈن زېمىننى يورۇتىدۇ، ھەممەيلەن خاتىرجەم، تىنچ تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ؛ ھەممەيلەن ئىناق ئۆتۈش قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئومۇميۈزلۈك نەپ ئالىدىغان، تەڭپۇڭ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئىقتىسادنى دۇنياۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن ئىنسانىيەت ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ياخشى شارائىتنى ياراتقاندىلا، تەرەققىيات نەتىجىسىدىن دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر مەنپەئەتلىنىپ، ھەممە كىشى باياشات، خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئېرىشەلەيدۇ؛ دۇنيا رەڭدارلىققا تولغان، مەدەنىيلىك كۆپ خىللاشقان، دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانىيەت ياراتقان ھەر خىل مەدەنىيلىكنى ئۆزئارا تەسىر قىلدۇرۇپ، رەڭگارەڭ گۈزەل خەرىتىنى سىزىپ چىققاندىلا، ھەر خىل مەدەنىيلىك، ئىناقلىق بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ، ھەممە كىشى مەدەنىيەتتىن ئوزۇق ئالالايدۇ؛ ئىنسانىيەت بىلەن تەبىئەتنىڭ ئورتاق ياشاش، ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا ھاياتىمىزغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىپ، تەبىئەتتىن ھېيىقىپ، تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىپ، تەبىئەتكە ماسلىشىپ، تەبىئەتنى قوغدىغاندىلا، تەبىئىي ئېكولوگىيە ئارام ئېلىپ ئۆزىنى ئوڭشىۋالالايدۇ، ھەممە كىشى زۇمرەتتەك سۈزۈك سۇلاردىن، يېشىل تاغلاردىن بەھرىلىنەلەيدۇ.

  بۇنداق گۈزەل دۇنيا قۇرۇشتا دۇنيادىكى ھەرقايسى پارتىيەلەرنىڭ دەۋر بۇرچىنى ئاڭلىق زىممىسىگە ئېلىشى ئاچقۇچتۇر. ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشتا ھەرقايسى پارتىيەلەرنىڭ ئوخشىمىغان مىللەت، ئوخشىمىغان ئېتىقاد، ئوخشىمىغان مەدەنىيەت، ئوخشىمىغان رايوندىكى خەلقنىڭ ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىش ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرىشىغا توغرا كېلىدۇ؛ ئوخشىمىغان دۆلەتتىكى پارتىيەلەرنىڭ ئۆزئارا ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئالاقىنى كۈچەيتىپ، زىچ ھەمكارلىشىپ، ئوخشاش پىكىرلەردە بىرلىككە كەلگەن، پەرقلەر ساقلاپ قېلىنغان، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئۆزئارا ئۆگىنىدىغان، ئۆزئارا ئۆرنەك ئالىدىغان يېڭىچە پارتىيەلەر مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى، كۆپ قاتلاملىق خەلقئارالىق پارتىيەلەرنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق تورىنى قۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى قۇرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىشىگە توغرا كېلىدۇ. ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش بىر تارىخىي جەرياندۇر، ھە- ھۈ دەپلا بىردەمدىلا ئىشقا ئاشۇرۇش مۇمكىن ئەمەس، شۇنداقلا باشتىن- ئاخىر ئوڭۇشلۇق بولۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇزاققىچە جاپاغا چىداپ تىرىشىشقا توغرا كېلىدۇ. ھەرقايسى پارتىيەلەر رېئاللىقنىڭ مۇرەككەپلىكى سەۋەبلىك ئارزۇسىدىن، غايىنىڭ يىراقلىقى سەۋەبىدىن ئىنتىلىشىدىن ۋاز كەچمەي، قەتئىي بوشاشماي داۋاملىق ئىلگىرىلىسىلا، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش نىشانىغا چوقۇم يېتەلەيدۇ.

  ئەدىبلەر: رېئاللىق بۇ قىرغاق، غايە قارشى قىرغاق بولۇپ، شىددەت بىلەن ئېقىۋاتقان ئېقىن ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ، ھەرىكەت دەرياغا سېلىنغان كۆۋرۈكتۇر، دېگەنىدى. دۇنيادىكى پارتىيەلەر خىرىسلارغا بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا قۇرۇپ چىقسىلا، ئۆتكىلى بولمايدىغان دەريا، يەتكىلى بولمايدىغان قىرغاق بولمايدۇ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى جەزمەن پارلاق رېئاللىققا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2-دېكابىر تېلېگراممىسى)


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر