باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«شىنجاڭنىڭ مېۋىلىرىنى شەرققە توشۇش» ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى

2017.12.05 09:47         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز مۇختار ئابدۇقادىر خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ قۇمتام يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ 4- شۆبە مەيدانىدىكى باغۋەن شۈ چاڭخۇڭ 11- ئاينىڭ 20- كۈنى 20 توننا ئاقسۇ ئالمىسى بېسىلىپ يولغا چىققان ئاپتوموبىلغا قاراپ ئىنتايىن خۇشال بولدى.

  شۈ چاڭخۇڭ مۇنداق دېدى: «شەھەرلەرگە يۈزلىنىپ دۇكان ئېچىش» قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئالمىلىرىمىز ياخشى باھادا سېتىلىۋاتىدۇ. ئون مودىن ئارتۇق ئالمىلىق بېغىمدىن بۇ يىل يەنە مول ھوسۇل ئالدىم. 7- ئايدىلا جېجياڭلىق سودىگەر بىلەن ھەر كىلوگىرامىنى 4.5 يۈەندىن سېتىپ بېرىشكە كېلىشكەنىدىم.

  بۇ يىل جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوللىشى بىلەن ئاقسۇ ۋىلايىتى يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى «شەھەرلەرگە يۈزلىنىپ دۇكان ئېچىش» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە «شىنجاڭنىڭ مېۋىلىرىنى شەرققە توشۇش» خىزمىتىنى يولغا قويدى. بۇنىڭ بىلەن ئاقسۇنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازىرى چىقىپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ مېۋىلىرى جېجياڭ قاتارلىق ئىچكىرى ئۆلكە بازارلىرىدا سېتىلدى.

  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم يېزا خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، «شەھەرلەرگە يۈزلىنىپ دۇكان ئېچىش» قۇرۇلۇشىدا تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى زاكاز قىلىش توختامى ئىمزالاش خىزمىتى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بولۇپ، ناھىيە (شەھەر) لەردىكى باغۋەنلەر ۋە كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى سودىگەرلەر بىلەن نۇرغۇن كېلىشىم ئىمزالىغان. 9- ئايدا ناھىيە (شەھەر) لەر «شەھەرلەرگە يۈزلىنىپ دۇكان ئېچىش» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە «شىنجاڭنىڭ مېۋىلىرىنى شەرققە توشۇش» خىزمىتىنى باشلىغاندىن بۇيان، 11- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ۋىلايەت ۋە ناھىيە (شەھەر) لەردىكى «شەھەرلەرگە يۈزلىنىپ دۇكان ئېچىش» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە بىرلىشىپ تىجارەت قىلىش شىركەتلىرى 64 مىڭ 300 توننىدىن ئارتۇق تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى ساتقان. بۇنىڭ ئىچىدە 16 مىڭ توننا ئالما، 24 مىڭ 600 توننا نەشپۈت، 15 مىڭ 700 توننا ياڭاق، 6300 توننا چىلان ھەم كالا، قوي گۆشى، ئۇن، بەرەڭگى بار ئىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر