باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى، ھەر قانداق كىشىنىڭ سودا ئۇرۇشىنى تەرغىب قىلىپ جۇڭگو ئامېرىكا خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈشىگە ھەرگىز يول قويۇلمايدۇ دېدى

2017.12.06 16:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۇي تەنكەي 4- دېكابىر مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد سودا مۇناسىۋىتىنىڭ ماھىيىتى ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش بولۇپ، ھەر قانداق كىشىنىڭ سودا ئۇرۇشىنى تەرغىب قىلىپ ئىككى دۆلەت خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈشىگە ھەرگىز يول قويۇلمايدۇ.

  سۇي تەنكەي، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد سودا مۇناسىۋىتى توغرىسىدا توختالغاندا بۇنىڭ تۈپ ماھىيىتى ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش دەپ ھېسابلىدى. سۇي تەنكەي مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ يىل 10- ئايدا يېپىلغان جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ 19- قۇرۇلتىيىدا، جۇڭگونىڭ ئىزدىنىۋاتقىنى خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى نىشان قىلغان تەرەققىيات ئىكەنلىكى، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشتەك تەرەققىيات ئىكەنلىكى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىدىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىكەنلىكى تولۇق چۈشەندۈرۈلدى. بۇ نۇقتىنى چۈشەنگەندىلا، جۇڭگو ئامېرىكا ھەمكارلىقىنىڭ تارىخى پۇرسىتى ۋە پارلاق ئىستىقبالىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

  ئۇ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا، ئىككى تەرەپلىك، رايون ۋە يەر شارى قاتلىمىدىن ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرسا بولىدۇ؛ يەر شارىنى تەرتىپكە سېلىشتا ھەمكارلاشسا ، شۇنداقلا يەر شارى خىرىسىغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرسا؛ ئىككى تەرەپلىك ئىقتىساد سودا ساھەسىدە ھەمكارلاشسا ، بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسىدا ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرسا بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر