باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كاپالەتلىك تۇرالغۇنىڭ 16-قېتىملىق چەك تارتىشى ئاياغلاشتى، 1986 ئۆيلۈك چەك تارتىشقا قاتناشتى

2017.12.06 16:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئاينىڭ 1-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كاپالەتلىك تۇرالغۇ ئۆيىنىڭ 16-قېتىملىق نومۇر تارتىپ تەقسىملەش مۇراسىمى ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ كاپالىتى ۋە ئۆي-زېمىن باشقۇرۇش ئىدارىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، كاپالەتلىك تۇرالغۇ ئۆي ئىلتىماس قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان جەمئىي 1986 ئائىلە بۇ قېتىملىق نومۇر تارتىشقا قاتناشتى.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىملىق نومۇر تارتىشقا قاتناشقىنى 2017-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن بۇرۇن كاپالەتلىك تۇرالغۇ ئۆيىگە ئىلتىماس قىلغان ھەمدە ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ كاپالىتىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ تەستىقلىشىدىن ئۆتكەن ئائىلىلىكلەر ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە جامائەت ئىجارە تۇرالغۇسى تۆۋەن كىرىملىك ئائىلە شەرتىگە چۈشىدىغانلاردىن 228 ئۆيلۈك، جامائەت ئىجارە تۇرالغۇ ئوتتۇرا، تۆۋەن كىرىملىك ئائىلە شەرتىگە چۈشىدىغانلاردىن 983 ئۆيلۈك، ئەرزان-قولايلىق تۇرالغۇ كىرىمىگە چۈشىدىغان ئائىلىلىكلەردىن 775 ئۆيلۈك بار ئىكەن.

  جامائەت ئىجارە تۇرالغۇسىدا ئادەم بىلەن ئۆي ماس كېلىشتەك نومۇر تارتىپ تەقسىملەش ئۇسۇلى قوللىنىلغان بولۇپ، ئەرزان-قولايلىق تۇرالغۇغا ئىلتىماس قىلغان ئائىلىلىكلەر ئالدى بىلەن ئۆي تاللاش تەرتىپ نومۇرىنى تارتىش، 2-كۈنى نەق مەيداندا بەشتىن بىرنى تاللاش (جەمئىي ئىككى قېتىم)تەك ئۆي تاللاش ئۇسۇلى قوللىنىلغان، ئۇندىن باشقا، ئەرزان-قولايلىق تۇرالغۇنىڭ ئۆي مەنبەسى ئەھۋالىغا قارىتا، مىچۈەن-كۆكتاغ رايونى ۋە شەھەر رايونى ئىچىدىكى ئۆي كۆلىمى كىچىك، كۆپ قېتىم تەقسىملىنىشتە نەتىجىسىز قالغان ئۆي مەنبەلىرىگە قارىتا ئۆي تاللاش تەرتىپ نومۇرى بويىچە بىۋاسىتە تاللاش ئېلىپ بېرىلغان.

  جامائەت ئىجارە تۇرالغۇسىغا ئىلتىماس قىلغۇچى ئائىلىلەر نومۇر تارتىپ تەقسىملەش نەتىجىسىنى ئىلتىماس قىلغۇچى رايوندىكى ناھىيە (رايون) تۇرالغۇ كاپالىتى باشقۇرۇش مەركىزى، باشقۇرۇش كومىتېتلىرى (كوچا) ياكى مەھەللىگە بېرىپ، ئىجارە ئېلىشقا قوشۇلۇش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە، بىۋاسىتە ئۆي مەنبەسىنى باشقۇرۇش ئورنىغا بېرىپ ئىمزا قويۇپ، كۆچۈپ كىرىش رەسمىيىتىنى بېجەرسە بولىدۇ، شۇنداقلا يەنە ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ۋە ئۆي-زېمىن باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تور بېكىتى (http://www.ufc.gov.cn) ياكى ئەنجۈ 365 تور بېكىتى (http:www.anju-365.com)گە چىقىپ، نومۇر تارتىپ تەقسىملەش نەتىجىسىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئىلتىماس قىلغۇچىلار كىملىكىنى ئېلىپ ئۆي مەنبەسى ئورنىغا بېرىپ ئىمزا قويۇپ كۆچۈپ كىرىش رەسمىيىتىنى بېجىرسە بولىدۇ.

  ئەرزان-قولايلىق ئۆينى تاللاشنى ئىلتىماس قىلغۇچى مەھەللىدىن ئۆي تاللاش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، بەلگىلەنگەن ۋاقىتنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ كاپالىتى ۋە ئۆي-زېمىن باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ 7-قەۋىتىگە چىقىپ، نەق مەيداندىن ئۆي تاللايدۇ.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، كاپالەتلىك تۇرالغۇنىڭ تارقىتىلىشىنىڭ ئادىل، لىللا، ئاشكارا بولۇشى ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى مەھەللە، كوچا (يېزا-بازار)، رايون (ناھىيە) ئۈچ دەرىجە بويىچە تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى بەرپا قىلغان، ئۇندىن باشقا تۇرالغۇ جامائەت فوندى، ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، مۈلۈك ھوقۇقى بار ئۆي ۋە مۈلۈك ھوقۇقى بار ئاپتوموبىل ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈشنى چوقۇم تەكشۈرۈش تۈرى قىلىپ، كاپالەتلىك تۇرالغۇنى تەقسىملەش ۋە ئىشلىتىش ئادىللىقىغا كاپالەتلىك قىلغان.

  بۇ يىل، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كاپالەتلىك تۇرالغۇ ئىلتىماسىدا نۆل پىرىنسىپ بىلەن تىزىملاش يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئىلتىماس قىلغۇچىلار نوپۇسى تۇرۇشلۇق ياكى تۇرۇۋاتقان مەھەللىگە بېرىپ ئىلتىماس سۇنىدۇ، ئۆلچەمگە توشۇش توشماسلىقىدىن قەتئىينەزەر خىزمەتچى خادىم ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى سىستېمىغا كىرگۈزىدۇ، ھېچقانداق شەرت يوق، ئارقا سۇپىدىكى خادىملار ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئۇچۇرلىرىغا قارىتا، قايسى ماتېرىياللارنى تولۇقلايدىغانلىقىنى دەپ بېرىدۇ. بۇنىڭدا بەزىبىر ئاھالىلەرنىڭ ئۆلچەمگە توشماي قېلىشى سەۋەبلىك، مەسئۇلىيەتنى مەھەللە خىزمەتچى خادىملىرىغا ئىتتىرىپ قويۇشتەك ئەھۋاللاردىن ساقلىنىش بىلەن بىلە مەھەللە خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ خىزمەتنى جايىدا قىلماسلىق سەۋەبىدىن كاپالەتلىك قىلىنغۇچى ئائىلىلەرنىڭ ئىلتىماس قىلالماي قېلىشىنىڭ ئالدى ئېلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر