- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
گەنسۇ ئۆلكىسى چىڭياڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ سابىق مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ۋاڭ چيەن ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، پارتىيەدىن قوغلندى، خىزمەتتىن ھەيدەلدى
2017.12.06 16:17 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گەنسۇ ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا، گەنسۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن، گەنسۇ ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى چىڭياڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ سابىق مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ۋاڭ چيەننىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەن.
تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقىلىشىچە، ۋاڭ چيەن خۇەنشيەن ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى، ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىسى ۋە چىڭياڭ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان مەزگىلىدە، سىياسىي ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتىگە پاسسىپ تاقابىل تۇرۇپ، قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ ئېرىشكەن تاپاۋىتىنى يۆتكەپ يوشۇرغان، تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشى بىلەن قارشىلاشقان؛ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ-ئىچكەن؛ تەشكىلىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ، ئالاقىدار شەخسىي ئىشلىرىنى ئەينەن دوكلات قىلمىغان، ۋەزىپە تەسىرىدىن پايدىلىنىپ كادىرلارنى ئۆستۈرۈش، تەيىنلەش خىزمىتىدە باشقىلارغا ياردەم قىلغان ھەمدە پۇل-مال قۇبۇل قىلغان؛ پاك-دىيانەتلىك بولۇش ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىپ، ۋەزىپىنى ئادىل ئىجرا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان سوۋغاتلارنى قوبۇل قىلىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ پايدا ئېلىش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان؛ خىزمەت ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىپ، قۇرۇلۇش تۈرلىرى قاتارلىق بازار ئىگىلىكى پائالىيەتلىرىگە ئارىلاشقان؛ تۇرمۇش ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلغان. خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ باشقىلارغا نەپ يەتكۈزۈپ، باشقىلار سوۋغا قىلغان پۇل- ماللارنى قۇبۇل قىلغان، سوممىسى غايەت زور بولۇپ، پارا ئېلىش جىنايىتىگە چېتىلغان.
ۋاڭ چيەن پاتىيە ئەزاسى، رەھبىرىي كادىر بولۇپ تۇرۇقلۇق غايە ۋە ئېتىقادنى يوقاتقان، قىممەت قارىشى بۇرمىلىنىپ، شەخسىي ھەۋىسى كۈچىيىپ، پارتىيە ئىنتىزامىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان ھەمدە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەن. بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن كېيىنمۇ يەنىلا ھوشىنى تاپماي، قولىنى تارتماي، يامان تەسىر پەيدا قىلغان.
«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، گەنسۇ ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشى ھەم گەنسۇ ئۆلكىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى بىلەن، ۋاڭ چيەننى پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش، خىزمەتتىن قوغلاش جازاسى بېرىش قارار قىلىندى؛ ئۇنىڭ ئىنتىزامغا خىلاپ تاپاۋىتى قايتۇرۇۋېلىندى؛ ئۇنىڭ جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىسى، يىپ ئۇچى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.
ۋاڭ چيەننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
ۋاڭ چيەن، ئەر، خەنزۇ، 1963-يىل 9- ئايدا تۇغۇلغان، گەنسۇ نىڭشيەن ناھىيەسىدىن، گەنسۇ ئۆلكىلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە. 1983-يىلى 7-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1985-يىلى 11- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. 1997-يىلى 10-ئايدا جېنيۈەن ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى بولغان؛ 2002-يىلى 11-ئايدا جېنيۈەن ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن ھاكىم بولغان؛ 2006-يىلى خۇەنشيەن ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ناھىيەنىڭ ھاكىمى بولغان؛ 2010-يىلى 1-ئايدا خۇەنشيەن ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 2015-يىلى 2-ئايدا چىڭياڭ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، خۇەنشيەن ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 2015-يىلى 5-ئايدا، چىڭياڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛ 2017-يىلى 3-ئايدا، چىڭياڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، شەھەرنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شەھەرلىك پارتكوم سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان. ئەسلىدە ئۆلكىلىك 12- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، چىڭياڭ شەھەرلىك 4-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولغان. (گەنسۇ ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى)
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر