باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

4-نۆۋەتلىك دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنى ئاخىرلاشتى، 13 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق قىممەتتىكى تۈر بويىچە نەق مەيداندا كېلىشىم ئىمزالاندى

2017.12.06 16:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. 4-نۆۋەتلىك دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋۇجېندا ئاخىرلاشتى. ئۈچ كۈندە، دۇنيا بويىچە 80 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 1500 دىن ئارتۇق مېھمان «رەقەملىك ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش، ئېچىۋېتىش-بەھرىلىنىش — بىرلىكتە تور بوشلۇقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلايلى» دېگەن باش تېمىنى چۆرىدەپ، ئىدىيە ۋە پاراسىتىنى پائال ئاتا قىلىش، ئىجادىي نەتىجىلىرىنى كۆرەك قىلىش، ھەمكارلىق يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش جەھەتتە تىرىشىپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  يىغىن ئاكتىپ ھالدا ھەمكارلىق سۇپىسى بەرپا قىلىپ بېرىپ، ھەمكارلىشىش-ھەمتۈرتكە بولۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئورتاق ئىدارە قىلىش-بەھرىمەن بولۇشنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ قېتىملىق يىغىن ب د ت ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار ئورگىنى، خەلقئارا تېلېگراف ئىتتىپاقى، دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلارنى ھەمكارلاشقۇچى ئورۇن بولۇشقا تەكلىپ قىلىپ، ھەمكارلىق مېخانىزمى بىلەن ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇردى. يىغىن ئاكتىپ ھالدا ئەمەلىي ھەمكارلىشىش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، جۇڭگو-چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانىلار قاتارلىقلارنى ماسلاشتۇرۇپ، بىر قاتار تەسىر كۈچىگە ئىگە ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈردى، «بىر بەلباغ، بىر يول» رەقەملىك خەلقئارا ھەمكارلىقى تەشەببۇسى قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمىزالىدى. «ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاتەش زىمىن» تۈرلەرنى ئۇدۇللاشتۇرۇش پائالىيىتىدە، ئۇدۇللاشتۇرۇلغان ئالاقە تورى تۈرىنىڭ سانى 1200 گە يەتتى، 13 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق قىممەتتىكى تۈر بويىچە نەق مەيداندا كېلىشىم ئىمزالاندى. دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى بىلەن تەسىر كۈچى تېخىمۇ گەۋدىلەندى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر