باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

لوپ ناھىيەسىدىكى كادىرلار، ئامما 19- قۇرۇلتاي روھىنى كونكرېت خىزمەتلەردە ئەمەلىيلەشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2017.12.06 16:19         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، لوپ ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنى قوزغىدى. كۆپچىلىك پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، 19- قۇرۇلتاي روھىنى تۈرلۈك خىزمەتلەردە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  بۇ ناھىيە 19- قۇرۇلتاي روھىنى تەشۋىق قىلىپ، ئۇنىڭدىن ھەممە كىشىنى خەۋەردار قىلىش، قۇرۇلتاي روھىنى ھەممەيلەننىڭ ئىدىيەسى، قەلبى، كاللىسىغا سىڭدۈرۈش ئۈچۈن ناھىيەدىكى ئاساسىي قاتلام تەشۋىقاتچىلىرىنى مەخسۇس كۇرس ئېچىپ تەربىيەلىدى.

  ناھىيەلىك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە- رادىيو- تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ دىكتورى گۈلنۇر روزى مۇنداق دېدى: مەن 19- قۇرۇلتاي روھىنى مەخسۇس ئۆگىنىش جەريانىدا، قۇرۇلتاينىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرگەنلىكىدىن ئىبارەت مۇھىم تارىخىي ھۆكۈمگە بولغان چۈشەنچەم چوڭقۇرلاشتى. پارتىيەنىڭ ساداسىنى ئاممىغا يەتكۈزىدىغان تەشۋىقاتچى ھەم پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن 19- قۇرۇلتاي روھىنى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپەمنى قوشىمەن.

  لوپ بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئابلەت غوجىئابدۇللا مۇنداق دېدى: قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش جەريانىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ يەتتۇق ھەم «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش ئىشەنچىمىز ۋە ئىرادىمىز تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى.

  بۇيا يېزىسىنىڭ تامچىلا كەنتى ئېنتېرنېت تورى، تېلېۋىزور، گېزىت، يانفون APPسى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، كەنتتىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، كەنت ئاھالىلىرىنى 19- قۇرۇلتاي روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى ھەم كۆپچىلىككە تەسىرات ماقالىسى يېزىشنى ئورۇنلاشتۇردى. كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى توختىتۇرسۇن توختى مۇنداق دېدى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا بىزگە ئېنىق نىشان كۆرسىتىپ بېرىلدى. بۇنىڭدىن كېيىن، ياخشى باشلامچى بولۇپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، خىزمەت ئىقتىدارىمنى ئۆستۈرۈپ، كەنتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى يۈكسەلدۈرۈپ، تىرىشىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشتىكى باشلامچىلاردىن بولىمەن.

  بۇ ناھىيەدىكى يەككە تىجارەتچى مۇرادىلجان مەتروزى مۇنداق دېدى: بىز پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىدا بۈگۈنكىدەك بەختىيار تۇرمۇشقا ئېرىشتۇق. قۇرۇلتايدا بىزدەك يەككە تىجارەتچىلەرگە پايدىلىق ناھايىتى ياخشى سىياسەتلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇلارنى ئاڭلاپ بۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ ياخشىلىنىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتىم. مەن ئەتراپىمدىكىلەرگە 19- قۇرۇلتاي روھىنى تولۇق يەتكۈزۈپلا قالماي، پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى بىلىش، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىمەن.

  چارىباغ يېزىسىنىڭ جايتوغراق كەنتىدىكى كالا باقمىچىلىق كەسپى ئائىلىسى ئابلىمىت توختى مۇنداق دېدى: قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق دۆلەتنىڭ دېھقانلارغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى تېخىمۇ ئېنىق بىلىۋالدىم. مەن دۆلەتنىڭ يۆلەش سىياسىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئائىلە باقمىچىلىقى يېڭى ئەندىزىسىنى كېڭەيتىپ، كىرىمىمنى كۆپەيتىپ، تۇرمۇشۇمنى تېخىمۇ ياخشىلايمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر