باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كەلپىن ناھىيەسىدە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىغا بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى تەشۋىق قىلىندى

2017.12.06 16:21         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىنقى كۈنلەردە كەلپىن ناھىيەسىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ئەزالىرى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترەتلىرى، ئاساسىي قاتلام تەشۋىقاتچىلىرى سەپەرۋەرلىككە كېلىپ، ئاممىغا پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىغا بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلدى.

  جۇڭگو غەربىي شىمال نېفىت ئىدارىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەلپىن ناھىيەسىنىڭ گەزلىك بازىرى تۆۋەن باغلىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ كادىرى سىرجان توختىمۇرات كەنت كادىرلىرى بىلەن بىللە ئائىلىلەرگە كىرىپ، قۇرۇلتاي روھىنى تەشۋىق قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى يېڭى دەۋرگە باشلاپ كىردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش مەركەز قىلىنغان تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنى ئاممىغا، دېھقان- چارۋىچىلارغا تەشۋىق قىلىش، يەتكۈزۈش باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچىمىز. خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ۋە مەركەزنىڭ تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى كەنتتىكى ھەر بىر كىشىگە يەتكۈزىمەن، پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، «ئۈچ خىل كۈچ» كە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن.

  كەلپىن ناھىيەلىك خۇجۇ باشلانغۇچ مەكتىپى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس يىغىنى چاقىرىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە تەشۋىق قىلىشنى نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، قۇرۇلتاينىڭ روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش يۇقىرى دولقۇنىنى قوزغاپ، 19- قۇرۇلتاي روھىنى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇردى. خۇجۇ باشلانغۇچ مەكتىپى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ماھىنۇر ياسىن مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ناھىيەمىزدىمۇ 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپ يولغا قويۇلدى، 19- قۇرۇلتايدا مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش يەنىمۇ ئېنىق بېكىتىلىپ، مائارىپنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئېنىق نىشان كۆرسىتىپ بېرىلدى. بۇنىڭدىن كېيىنكى مائارىپ تەرەققىياتىغا بولغان ئىشەنچىمىز ھەسسىلەپ ئاشتى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي ئوقۇغۇچىلانى يېتەكلەپ، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز، ئوقۇش- ئوقۇتۇش خىزمىتى جەريانىدا دۆلەت تىلى ئوقۇتۇشىغا يەنىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، بالىلارنى دۆلەت تىلى ئۆگىنىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، دۆلەت تىلى ئوقۇتۇشىنى يەنىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر