باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق تۆت مىنىستىرلىق ئۆزگىچە كىچىك بازار قۇرۇلۇشىنى قېلىپلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆي-زېمىنلاشتۇرۇش خائىشىنى قاتتىق كونترول قىلىشنى تەكىتلىدى

2017.12.06 16:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى، مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-بازار قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى بىرلىكتە «ئۆزگىچە كىچىك بازار ۋە ئۆزگىچە كىچىك شەھەر-بازار قۇرۇلۇشىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلدى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئۆزگىچە كىچىك بازار ۋە كىچىك شەھەر-بازار قۇرۇلۇشىدا ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ چەك-چېگراسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كارخانىلارنى قۇرۇلۇشنىڭ ئاساسىي قوشۇنى، ئۆزگىچە كىچىك بازار قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسلىق مەبلەغ سېلىپ يۈرۈشتۇرگۈچىسى قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش ھەمدە ئۆي-زېمىنلاشتۇرۇش خائىشىنى قاتتىق كونترول قىلىشنى تەكىتلىدى.

  «پىكىر»دە، ئۆزگىچە كىچىك بازار قۇرۇلۇشىدا بەش ئاساسىي پىرىنسىپ بەلگىلەنگەن بولۇپ، بۇلار يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، «يېڭى بوتۇلكىغا كونا ھاراق قاچىلاش»نىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ ھەر يەرنىڭ شەرت-شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قارىغۇلارچە تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ساقلىنىش؛ھاپىلا-شاپىلا ئوتتۇرىغا چىقىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، خىزمەت نەتىجىسى يارىتىش بويىچە باھالىماسلىق؛ كەسىپىي بازار قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەممە ئۆي-زېمىن بىر خىل بولۇش ۋە ئۆي-زېمىنلىشىش خائىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نەتىجە قۇرۇلۇشى ۋە ئوبراز قۇرۇلۇش بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەكىتلەندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر