باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

22 رايون ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى ئۆستۈردى

بەش رايوننىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى 2000 يۈەن ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولدى

2017.12.06 16:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. لياۋنىڭ ئۆلكىسى يېقىندا ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى، تولۇقسىز ئىستاتىستىكىدىن قارىغاندا، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاز دېگەندىمۇ 22 رايون ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە شاڭخەي، شېنجېن، جېجياڭ، تيەنجىن، بېيجىڭنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى 2000 يۈەن ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولغان.

  بايقىشىلىچە، 2017-يىلى، ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرگەن رايونلارنىڭ سانى 2016-يىلىدىكىدىن زور دەرىجىدە ئاشقان. سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 2016-يىلى، توققۇز رايون ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرگەن.

  جۇڭگو ئەمگەك ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۇ خەينەن مۇنداق دېدى: «ئەڭ تۆۋەن مائاش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە» بويىچە، ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم تەڭشىلىدۇ. بۇلتۇر ئېلىمىز ئىقتىسادىىي سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشىش بېسىمى چوڭراق بولۇپ، بۇ يىل ئېلىمىز ئىقتىسادىدا ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى ساقلانغاچقا، كارخانىلارنىڭ تىجارەت ئەھۋالى ياخشىلاندى، يەنە كېلىپ بۇلتۇر كۆپ قىسىم رايونلار ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى تەڭشىمىگەچكە، بۇ يىل ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرگەن رايونلار كۆپەيدى. «ئەڭ تۆۋەن مائاش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە» بويىچە، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر دائىرىسىدىكى ئوخشىمىغان مەمۇرىي رايونلار ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە تەڭشىسە بولىدۇ.

  جايلارنىڭ بەلگىلىمىسى بىردەك بولمايدۇ، بەزى جايلارنىڭ «بەش سۇغۇرتا، بىر فوند» نى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ، بەزى جايلارنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن: بېيجىڭ، شاڭخەيدە مۇنۇلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئەمگەكچىلەر تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى ۋە تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى تەركىبىگە كىرگۈزۈلمىگەن بولۇپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار بەلگىلىمە بويىچە ئايرىم تۆلىشى كېرەك.

  گۇيجۇ قاتارلىق جايلاردا ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى ئەمگەكچىلەر تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا ھەققى، داۋالىنىش سۇغۇرتا ھەققى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتا ھەققى ۋە تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. سۇ خەينەن مۇنداق دېدى: «بەش سۇغۇرتا، بىر فوند» نى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنىڭ «ئالتۇن مىقتارى» ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ. چۈنكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئۇنى ئايرىم تۆلەشكە مۇھاج، ئەمگەكچىلەرنىڭ قولىغا تېگىىدىغان مائاش تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر