باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

دوستلۇق مەھەللىسىدە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈلدى

2017.12.06 16:22         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ ئونسۇ بازىرى دوستلۇق مەھەللىسى قورۇسىدا يېقىندا پارتىيەلىك كادىرلار بىلەن مەھەللىدىكى ھەر مىللەت ئامما بىرلىكتە دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، ئارقىدىنلا پارتىيەلىك كادىرلار دۆلەت بايرىقى ئاستىدا، ئاددىي، چۈشىنىشلىك قىلىپ لېكسىيە سۆزلەپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۇرالغۇ، داۋالىنىش، مائارىپ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش ھەققىدىكى تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى مەھەللىدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا تەشۋىق قىلدى.

  بۇ مەھەللىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار ھەر دۈشەنبە كۈنى دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىدىن كېيىن، مەھەللىدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا لېكسىيە سۆزلەپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈشنى ئادەتكە ئايلاندۇردى. دوستلۇق مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەھەللە ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تۇراپ كەنجى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا باشلامچى بولۇپ، قۇرۇلتاي روھىنى مەھەللىدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا يەتكۈزۈشنى ئۆزىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىز دۆلەت بايرىقى ئاستىدا مەھەللىدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا 19- قۇرۇلتاي روھىنى يەتكۈزدۇق، يۈز تۇرا تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىدىن ھەممە ئائىلىلەرنى خەۋەردار قىلدۇق، بۇنىڭدىن كېيىن مەھەللىمىزدىكى پارتىيەلىك كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن 19- قۇرۇلتاي روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئامما ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىپ، 19- قۇرۇلتاي روھىنى مەھەللىمىزدە يىلتىز تارتقۇزىمىز.

  مەھەللە ئاھالىسى مۇختار روزى مۇنداق دېدى: بۈگۈن بىزگە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەلگە نەپ يەتكۈزۈشكە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەزمۇنلار تەشۋىق قىلىندى. مەنمۇ قۇرۇلتاي روھىنى ئەتراپىمدىكى ئۇرۇق- تۇغقان، قولۇم- قوشنا، دوست- بۇرادەرلىرىمگە تولۇق يەتكۈزىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر