- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
«تور جىنايىتى ۋە تور تېررورلۇقىغا زەربە بېرىش خەلقئارا ھەمكارلىق» مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلدى
2017.12.06 16:06 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «تور جىنايىتى ۋە تور تېررورلۇقىغا زەربە بېرىش خەلقئارا ھەمكارلىقى» مۇنبىرى 4-چېسلا 4-نۆۋەتلىك ئالاقە تورى يىغىنى مەزگىلىدە جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋۇجېن بازىرىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ مۇنبەرنى ئېلىمىز دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان، جۇڭگو خەلق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئۇنىۋېرسىتېتى ھەمكارلاشقان بولۇپ، تور جىنايىتى ۋە تور تېررورلۇقىغا قارشى تۇرۇشتا خەلقئارالىق تاقابىل تۇرۇش چۆرىدىلىپ مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئاسىيا - ئافرىقا قانۇن كېڭىشى تەشكىلاتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە جۇڭگو، رۇسىيە، جەنۇبىي ئافرىقا، ھىندونېزىيە، مالايشىيا، تۈركىيە، ئىران ۋە ئىسرائىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى مۇنبەرگە قاتناشتى. يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر مۇنداق قارىدى: تور جىنايىتى ئىنسانلار دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر تەھدىت ۋە خىرىس بولۇپ قالدى، شۇڭا خەلقئارا جەمئىيەت ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك، بۇنىڭ ئىچىدە دۇنياۋى تور جىنايىتىگە زەربە بېرىش قانۇن ھۆججەتلىرىنى تۈزۈپ چىقىش زۆرۈر.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر