باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونۇم رايونىمىزدا ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئىگىلىك تىكلەش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش تەرەققىيات بازىسىدىن بەشى كۆپەيدى

2017.12.07 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، يېقىندا، ئاپتونوم رايون يېڭىدىن بەش تەرەققىيات بازىسىنى ئۈچىنچى تۈركۈمدىكى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئىگىلىك تىكلەش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش تەرەققىيات بازىسى قىلىپ بېكىتتى. شۇنىڭ بىلەن ھازىرغا قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىزدا، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئىگىلىك تىكلەش تەرەققىيات بازىسىدىن 15ى بار بولدى.

  ئۈچىنچى تۈركۈمدىكى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئىگىلىك تىكلەش تەرەققىيات بازىسى بولۇپ بېكىتىلگەن بەش ئورۇن بولسا، قەشقەر شەھىرى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپى بازىسى، ئۈرۈمچى شەھىرى «بودېمېڭ» ئىستۇدېنتلار يېڭىلىق يارىتىش-ئىگىلىك تىكلەش تەرەققىيات بازىسى، ئۈرۈمچى شەھىرى «ئىجادكار بۇلۇت پىرلىرى» (چۇاڭكې يۈنكا) تەرەققىيات بازىسى، سانجى شەھىرى «خۇشال ياشاش» ئىگىلىك تىكلەش بازىسى، قاراماي شەھىرى ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە ئىگىلىك تىكلەش ئۈلگە كۆرسىتىش تەرەققىيات بازىسىدىن ئىبارەت.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ھەر يىلى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئىگىلىك تىكلەش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش تەرەققىيات بازىلىرىغا قارىتا ئۈنۈم باھالاش ئېلىپ بارىدىكەن، تەرەققىيات بازىلىرىنىڭ سىجىل تەرەققىيات ئىقتىدارى، ئىگىلىك تىكلەشتە جەلپ قىلغان مەبلەغنى باشقۇرۇشى ۋە ئىگىلىك تىكلەشكە ياردەم بېرىش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى قاتارلىقلارغا قارىتا باھالاش قىلىدىكەن. تەرەققىيات كۈچى كۈچلۈك بولمىغان، تەرەققىيات رولى تۆۋەن، ئىگىلىك تىكلەشكە ياردەم بېرىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى ياخشى بولمىغانلارنىڭ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئۈلگە كۆرسىتىش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلىنىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر