باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

C919 تىپلىق دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان چوڭ يولۇچىلار ئايروپىلانى ئومۇمىي زاكىسى 785گە يەتتى

2017.12.07 16:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو سودا ئايروپىلان شىركىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، سودا سانائەت بانكىسى پۇل مۇئامىلە ئىجارىچىلىك چەكلىك شىركىتى بىلەن جۇڭگو سودا ئايروپىلانى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى C919 تىپلىق چوڭ يولۇچىلار ئايروپىلانىدىن 55نى سېتىۋېلىش رامكا كېلىشىمى ئىمزالىغان، بۇنىڭ بىلەن بۇ ئايروپىلاننىڭ ئومۇمىي زاكىسى 785گە يەتكەن.

  C919 تىپلىق چوڭ يولۇچىلار ئايروپىلانى ئېلىمىز پۈتۈنلەي خەلقئارا خەلق ئاۋىياتسىيەسى قائىدىسىگە ئاساسەن تۇنجى قېتىم مۇستەقىل ياساپ چىققان، مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە چوڭ تىپلىق رېئاكتىپ خەلق ئايروپىلانى، 5-ماي شاڭخەيدە تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچۇرۇلدى، 10-نويابىر تۇنجى C919 تىپلىق چوڭ يولۇچىلار ئايروپىلانى شاڭخەي پۇدوڭدىن ئوڭۇشلۇق شىئەنگە سىناق تەرىقىسىدە ئۇچۇپ باردى. جۇڭگو سودا سانائەت بانكىسى جۇڭگو سودا ئايروپىلان شىركىتىنى كۆپ تەرەپلىك، كۆپ شەكىللىك پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى، 2009-يىلى ئىككى تەرەپ پۇل مۇئامىلە ئىستراتېگىيەسى ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى، يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئىككى تەرەپ تەڭ ھەمكارلىق مېخانىزمى بەرپا قىلىش، بازاردا سېتىشنى ئومۇملاشتۇرۇش، سىياسەت تەتقىقاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە چوڭقۇر ھەمكارلاشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر