باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدىكى 26 ئۆلكە ئۆلكە دەرىجىلىك نەم يەر قوغداش نىزامىنى يولغا قويدى

2017.12.07 16:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەيكودا ئېچىلغان نەم يەرنى قوغداش سىستېمىسى خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنىدا دۆلەتلىك ئورمان ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش قوماندانلىق ئورنىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن باش قوماندانى ما گۇاڭرېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىر ئېلىمىزدىكى 26 ئۆلكە ئۆلكە دەرىجىلىك نەم يەر قوغداش نىزامىنى يولغا قويدى، بۇ مەملىكىتىمىز زېمىنىنىڭ %96 تىنى قاپلىدى.

  ما گۇاڭرېن مۇنۇلارنى تونۇشتۇردى: ئېلىمىز ئۈچ بەش يىللىق پىلاننى يولغا قويۇپ، نەم يەرنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە 8 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىپ، 200 نەچچە مىڭ گېكتار كۆلەمدىكى نەم يەرنى ئەسلىگە كەلتۈردى. كۆپ يىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق 602 ئورۇندا نەم يەر تەبىئىتىنى قوغداش رايونى بەرپا قىلدى، خەلقئارادىكى 49 مۇھىم نەم يەرنى بېكىتتى، دۆلەتلىك نەم يەر باغچىسىنى836 گە يەتكۈزدى. نەم يەرنى قوغداش ئۈنۈمىنى %47.03 گە يەتكۈزۈپ، تەبىئىتى قوغدىلىدىغان رايون بىلەن نەم يەر باغچىسى ئاساس قىلىنغان نەم يەر قوغداش باشقۇرۇش سىستېمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈردى. تەبىئىتى قوغدىلىدىغان رايون بىلەن نەم يەر باغچىسى كىشىلەرنىڭ نەم يەر بىلىملىرىنى بىلىش، نەم يەرنىڭ رولىنى چۈشىنىش مۇھىم سەھنىسىگە ئايلاندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر