باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

C رونالدو بەش قېتىم «ئالتۇن توپ مۇكاپاتى»غا ئېرىشىپ، مېسسى بىلەن تەڭلەشتى

2017.12.08 16:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «فىرانسىيە پۇتبولى» ژۇرنىلى تەسىس قىلغان «ئالتۇن توپ مۇكاپاتى»نىڭ 2017-يىللىق ساھىبى ئېلان قىلىندى، ئىسپانىيە خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىدا توپ تېپىۋاتقان پورتۇگالىيەلىك پۇتبول چولپىنى C رونالدو 5-قېتىم بۇ ئالاھىدە شەرەپكە ئېرىشىپ، ئارگېنتىنالىق مېسسى ساقلاپ كېلىۋاتقان رىكورت بىلەن تەڭلەشتى.

  2016-، 2017-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە، C رونالدو خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنىڭ ئۆتكەن 59 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسى ۋە ياۋروپا چېمپىيونلۇق مۇسابىقىلىرىنىڭ قوش چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئىشقا ئاشۇردى، خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى يەنە ياۋروپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ تۈزۈمى ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى تۇنجى ئىككى يىلدا ئۇدا چېمپىيون كوماندا بولۇپ قالدى.

  C رونالدو ئىلگىرى 2008-يىللىق، 2013-يىللىق، 2014-يىللىق ۋە 2016- يىللىق «ئالتۇن توپ مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن، ئۇ يەنە بۇ يىل 10-ئايدا خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ «دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى» بولغان.

  «ئالتۇن توپ مۇكاپاتى»نى «فىرانسىيە پۇتبولى» ژۇرنىلى 1956- يىلى قۇرغان بولۇپ، 1995-يىلىدىن كېيىن باھالاش دائىرىسىنى ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىگە ئەزا كۇلۇبلاردا توپ تېپىدىغان ماھىرلارغا كېڭەيتكەن. 2010-يىلىدىكى «ئالتۇن توپ مۇكاپاتى» بىلەن خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ «دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى» مۇكاپاتى «خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى ئالتۇن توپ مۇكاپاتى»غا بىرلەشتۈرۈلگەن، 2017-يىل بولسا بۇ ئىككى چوڭ مۇكاپات ئايرىۋېتىلگەندىن كېيىنكى ئىككىنچى يىلى ھېسابلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر