باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۆلكە دەرىجىلىك تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ باشقا جايدا تەكشۈرۈشىگە يېڭى بەلگىلىمە چىقىرىلدى

جىنايى ئىشلار ئەرز دېلوسىدا «بەش خىل ئەھۋال» كۆرۈلسە باشقا جايدا تەكشۈرۈشكە بۇيرىسا بولىدۇ

2017.12.11 15:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى يېقىندا «خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ جىنايى ئىشلار ئەرز دېلوسىنى باشقا جايدا تەكشۈرۈش بەلگىلىمىسى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «بەلگىلىمە» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى، جىنايى ئىشلار ئەرز دېلوسىدا «بەش خىل ئەھۋال» كۆرۈلسە، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئۆلكە دەرىجىلىك تەپتىش مەھكىمىسىنى باشقا جايدا تەكشۈرۈشكە بۇيرىسا بولىدۇ.

  «بەلگىلىمە»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى جىنايى ئىشلار ئەرز دېلولىرىنىڭ ئەسلىدىكى بىر تەرەپ قىلىش قارارى، ھۆكۈمى، كېسىمدە خاتالىق بولۇش ئېھتىماللىقىنى بايقىسا، شۇنداقلا قوبۇل قىلىش كېرەكلىك تۇرۇقلۇق قوبۇل قىلماسلىق ياكى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ھەيدەكچىلىك قىلسىمۇ بېجىرىشنى كېچىكتۈرۈش، ياكى دېلو بېجىرىش جەريانىدا بىر قەدەر چوڭ توسالغۇغا ئۇچراش، ياكى ئۆزىنى چەتكە ئېلىش قاتارلىق قانۇندا بەلگىلەنگەن سەۋەبلەر بىلەن دەۋالاشقۇچى باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك تەپتىش مەھكىمىسىنى قانۇن بويىچە ئادىل بېجىرەلمەيدۇ دەپ قاراش، ياكى ئەرز قىلغۇچى ئۇزاق ۋاقىت ئەرز قىلغاچقا دېلونىڭ ئادىل بىر تەرەپ قىلىنىشىغا تەسىر يېتىدۇ دەپ قاراش، ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ بېجىرىشىگە مۇۋاپىق كەلمەسلىك قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولسا، باشقا ئۆلكە دەرىجىلىك تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىگە بۇيرىسا بولىدۇ.«بەلگىلىمە»دە يەنە باشقا جايدا تەكشۈرۈشنى يولغا قويۇشنىڭ ئۈچ خىل ئۇسۇلى بېكىتىلدى: ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئۆلكە دەرىجىلىك تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى جىنايى ئىشلار ئەرز دېلوسىدا خاتالىق بولۇش ئېھتىماللىقىنى بايقىسا ۋە يۇقىرىدا ئېيتىلغان «بەش خىل ئەھۋال»نىڭ بىرىگە ئۇيغۇن كەلسە باشقا ئۆلكە دەرىجىلىك تەپتىش مەھكىمىسىنى تەكشۈرۈشكە بۇيرىسا بولىدۇ؛ ئۆلكە دەرىجىلىك تەپتىش مەھكىمىسى بېجىرىۋاتقان جىنايى ئىشلار ئەرز دېلوسىنى باشقا جايدا تەكشۈرۈش كېرەك دەپ قارىسا، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن باشقا جايدا تەكشۈرۈش بۇيرۇقى چۈشۈرۈشنى سورىسا بولىدۇ؛ دەۋالاشقۇچى ئۆلكە دەرىجىلىك تەپتىش مەھكىمىسى ياكى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن باشقا جايدا تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. «بەلگىلىمە»دە يەنە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئۆلكە دەرىجىلىك تەپتىش مەھكىمىسى باشقا جايدا تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلسا ياكى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى باشقا جايدا تەكشۈرۈش بۇيرۇقى چۈشۈرسە، دەۋالاشقۇچى باشقا جايدا تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلمىغان بولسا داۋالاشقۇچىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر