باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

1 مىليون 100 مىڭ كىشى 2018-يىللىق دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا قاتناشتى

قوبۇل قىلىش نىسبىتى 39:1گە يەتتى

2017.12.11 16:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2018-يىللىق دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىنىڭ ئاممىۋى پەنلەر يېزىقچە ئىمتىھانى تۈنۈگۈن ئېلىندى، بۇ يىل مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى 1 مىليون 100 مىڭ كىشى ئىمتىھانغا قاتنىشىپ، ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىش نىسبىتى 39:1گە يەتتى. بۇ قېتىمقى قوبۇل قىلىشقا 120دىن ئارتۇق مەركەز ئورگىنى ۋە ئۇنىڭغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار ۋە مەمۇرلار قانۇنى بويىچە باشقۇرۇلىدىغان ئورۇنلار قاتناشتى، 280 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى قوبۇل قىلىش پىلانلىنىپ، يېڭى رېكورت يارىتىلدى.

  دۆلەت مەمۇرلار ئىدارىسى ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىش مەھكىمىسىنىڭ كۆزەتكۈچىسى پېڭ جۇڭباۋ مۇنداق دېدى: بۇ يىللىق قوبۇل قىلىش پىلانىدا ئۆتكەن يىلدىكى 27061 كىشى قوبۇل قىلىشتىن 1472سى كۆپەيدى. خىزمەت ئورنىنىڭ سالاھىيەت شەرتىنى تەسىس قىلىشمۇ تېخىمۇ ئىلمىي، مۇۋاپىق بولدى. بۇ يىللىق ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىدىغان ئىش ئورنىنى تەھلىل قىلساق، %80تىن ئارتۇق ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىش سانى ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن بولدى، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پارتىيە-ھۆكۈمەت ئورگانلىرى مەمۇر قوبۇل قىلىشتا قىسمەن ئالاھىدە خىزمەت ئورۇنلىرى ۋە كەسىپچانلىقى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان خىزمەت ئورۇنلىرىدىن باشقا ئورۇنلارغا ئىككى يىلدىن يۇقىرى ئاساسىي قاتلام خىزمەت تەجرىبىسى بارلار قوبۇل قىلىنىدۇ.

  2018-يىللىق دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىدا، بانكا نازارەتچىلىك كومىتېتى ۋە ئۇنىڭ ۋاكالەت ئاپپاراتى، ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتى ۋە ئۇنىڭ ۋاكالەت ئاپپاراتى قاتارلىق ئالاھىدە كەسىپ خىزمەت ئورنى شۇنداقلا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ خەلق ساقچىسى خىزمەت ئورنىغا تىزىملاتقانلار يەنە كەسپىي پەن ئىمتىھانىغا قاتناشتى، ئىمتىھان 12-ئاينىڭ 9-كۈنى ئېلىندى. يېزىقچە ئىمتىھان ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئىمتىھان نەتىجىسى كېلەر يىلى 1-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئېلان قىلىنىدۇ، شۇ ۋاقىتتا يېزىقچە ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولۇش نومۇر سىزىقى ۋە يۈزتۇرانە ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغانلارنىڭ تىزىملىكىمۇ تەڭ ئېلان قىلىنىدۇ، دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىنىڭ يۈزتۇرانە ئىمتىھانى كېلەر يىلى 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئېلىنىدۇ.

  دۆلەت مەمۇرلار ئىدارىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئاممىۋى پەنلەرنىڭ يېزىقچە ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە ئەڭ تۆۋەن لاياقەتلىك بولۇش نومۇر سىزىقىنى 2018-يىلى 1-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئىمتىھان مەخسۇس تور پونكىتىدا تەكشۈرسە بولىدىكەن. ئورتاق تىل ئىشلەتمەيدىغان سەككىز خىزمەت ئورنىنىڭ چەت ئەل تىلى سەۋىيە ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە بانكا نازارەتچىلىك كومىتېتى، ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتىنىڭ ئالاھىدە كەسىپ خىزمەت ئورنى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ خەلق ساقچىسى خىزمەت ئورنىنىڭ كەسپىي ئىمتىھان نەتىجىسىنىمۇ ئىمتىھان مەخسۇس تور پونكىتىدا تەكشۈرسە بولىدىكەن.

  يازمىچە ئىمتىھاننىڭ نومۇر سىزىقىغا قارىتا دۆلەت مۇنۇلارنى بېكىتتى: غەربىي رايون ۋە جاپالىق، چەت رايونلاردىكى خىزمەت ئورنى، ئاساسىي قاتلام خىزمەت ئورنى ۋە ئالاھىدە كەسىپ خىزمەت ئورنى قاتارلىقلارغا ئەڭ تۆۋەن لاياقەتلىك نومۇر سىزىقى بېكىتكەندىن باشقا سىياسەت جەھەتتىن مايىللىشىش كېرەك.

  كېلەر يىللىق يۈزتۇرانە ئىمتىھان خىزمىتى باشلىنىشتىن بۇرۇن، دۆلەت يۈزتۇرانە ئىمتىھان نامزات نىسبىتىگە ئاساسەن، يازمىچە ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن تەرتىپى بويىچە، يۈزتۇرانە ئىمتىھان ۋە كەسپىي ئىقتىدار سىنىقىغا قاتنىشىدىغانلارنىڭ تىزىملىكىنى بېكىتىدۇ ۋە ئىمتىھان مەخسۇس تور پونكىتىدە بىر تۇتاش ئېلان قىلىدۇ. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ خەلق ساقچىسى خىزمەت ئورنى مەمۇرىي كەسپىي ئىقتىدارىنى سىناش ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ %40ى، بايان ۋە مۇھاكىمە ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ %30ى، كەسپىي پەن ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ %30ى بويىچە ھېسابلىغاندىن كېيىن تەرتىپكە تىزىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر