باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پۇقرالارنىڭ ئالاھىدە چۈشەندۈرگۈچىسى بولىمىز

2017.12.08 15:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جايلار مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، قابىل كۈچلەرنى تاللاپ لېكسىيە خىزمىتى ئەترىتى تەشكىللەپ، قاتلام بويىچە مۇھىم نۇقتىلارنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئاساسىي قاتلامدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزدى.

  چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش لېكسىيە شۆبە ئەترىتىنىڭ باشلىقى، شەھەرلىك يېزا ئىگىلىك كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لۇ ۋېي يۈبېي رايونى گۇلۇ بازىرى ۋۇنيۇ كەنتىدىكى 80 نەچچە ئاھالىگە مۇنداق دېدى: 19-قۇرۇلتاي دوكلاتىدا يېزىلارنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇنى ئاددىي، چۈشىنىشلىك قىلىپ ئېيتساق، يېزىلارنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ھەميىنىنى تومپايتىش دېگەنلىك. ئەسلىدە بىر يېرىم سائەت سۆزلەش پىلانلانغان لېكسىيە ئىككى يېرىم سائەتتىمۇ تۈگىمىدى، كەنت ئاھالىلىرى يېزا ئىگىلىك كومىتېتىنىڭ بۇ مۇدىرىدىن توختىماي سوئال سوراپ، نۇرغۇن مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالدى.

  ئاساسىي قاتلام لېكسىيە ئۆمەكلىرى دەل پۇقرالارنىڭ ئالاھىدە چۈشەندۈرگۈچىلىرى. نەزەرىيەۋى لېكسىيە جەريانىدىكى «چوڭقۇرلاپ كىرىش، قوبۇل قىلدۇرۇش، داۋاملاشتۇرۇش تەس بولۇش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا، پەقەت ئۆگىنىش بىلەن ھەرىكەتنى بىرلەشتۈرۈپ، پۇقرالار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلق تۇرمۇشىدىكى ئەمەلىي ئىشلارنى چۈشەندۈرگەندىلا، ئاندىن پۇقرالارغا خاتىرجەم ئولتۇرۇپ كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاتقىلى، ئېسىدە چىڭ ساقلاتقىلى بولىدۇ.

  شەندۇڭ ئۆلكىسى ۋېيفاڭ چاڭيى شەھىرى بۇجۇاڭ بازىرى فۇئەنجېن كەنتىنىڭ 1-شۇجىسى لى گوخۇي-پۇقرالار لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى. ئۇنىڭ سومكىسىدا 19-قۇرۇلتاي دوكلاتىنىڭ تولۇق تېكىستى بېسىلغان بىر خاتىرە ۋە ئەڭ يېڭى نۇسخىدىكى پارتىيە نىزامنامىسى بار ئىدى، يەنە خەلقنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىكى بىر خاتىرە ھەم 19-قۇرۇلتاي روھى تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن ئۆگىنىش خاتىرىسى بار ئىدى.

  ئۇ كەنت كادىرلىرىنىڭ ئالدىدا، «ئاساسىي قاتلام تەشكىلىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش» ۋە «يېزىلارنى گۈللەندۈرۈش» ھەققىدە؛ بارلىق پارتىيە ئەزالىرى ئالدىدا، «پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش» ھەققىدە؛ قىيىنچىلىقى بار ئامما ئالدىدا، «نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كۈرىشىنىڭ قەتئىي غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش» ھەققىدە سۆزلىدى.

  19-قۇرۇلتاي روھىنى تەشۋىق قىلىش ئاساسىي قاتلام لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى نېمە يېزىلغان بولسا شۇ پېتى ئوقۇپ بېرىش ئۇسۇلىنى قوللانماي، چوڭ گەپ، قېلىپلىشىپ قالغان گەپلەرنى قىلماي، كەنتلەرگە، ئېتىز-ئېرىق باشلىرىغا بېرىپ، ئۆيلەرگىچە كىرىپ، «مۇقىم لېكسىيە مۇنبىرى»نى «سەييارە دەرسخانىغا» ئۆزگەرتىپ، تەشۋىقات مەزمۇنىنى تېخىمۇ ئاددىي، چۈشىنىشلىك قىلىپ سۆزلىدى.

  لېكسىيەنى ئاڭلىغان ئامما چوڭقۇر تەسىرات ئېلىپ، «ئەسلىدە 19-قۇرۇلتاي دوكلاتى پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا مۇشۇنداق يېقىن ئىكەن ئەمەسمۇ» دېيىشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر