خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-دېكابىر كەچتە، CBA ئادەتتىكى پەسىللىك مۇسابىقىسىنىڭ 13-ئايلانما مۇسابىقىسى داۋاملىق ئېلىپ بېرىلدى، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 113گە قارشى 133 نومۇر بىلەن چىڭداۋ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنى يېڭىپ، ئۇدا ئىككى مەيدان يېڭىشنى قولغا كەلتۈردى.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىكى ئالتەيلەن ئىككى خانىلىق نومۇر ئالدى، ئادامىس 37 نومۇر، 13 پاس؛ يۈ چاڭدۇڭ 13 نومۇر، گاردىن قايتقان ئالتە توپ؛ شىرئەلى 14 نومۇر، تۆت ئۈچ نومۇرلۇق توپ؛ قىران بەكرى 16 نومۇر، گاردىن قايتقان 12 توپ ئالدى. چىڭداۋ كوماندىسىدىن گىبسىن 35 نومۇر، گاردىن قايتقان توققۇز توپ؛ سۇ ۋېي 20 نومۇر؛ ليۇ شۇنەن 16 نومۇر، گاردىن قايتقان سەككىز توپ، تۆت پاس؛ سۈن جيې 11 نومۇر ئالدى.
مۇسابىقىدىن كېيىن، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ تىرېنىرى لى چيۇپىڭ مۇنداق دېدى: بۈگۈن رەقىبىمىزمۇ پەقەتلا بىر چەت ئەللىك ئەزانى مەيدانغا چىقاردى، بىزنىڭ ئەزالىرىمىز ئالدىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان تاكتىكا بويىچە ئوينىدى، ئىپادىسى ياخشى بولدى. قارشى تەرەپ مۇداپىئە جەھەتتىن بىزگە كۆپ ئاۋارىچىلىق ئېلىپ كېلەلمىدى. بىزنىڭ ھۇجۇمىمىز ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى