باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2- قېتىملىق كۆزىتىش ئەھۋالىنى قايتما ئىنكاس قىلىشى ئاخىرلاشتى

كۆزىتىلگەن ئورۇنلاردىكى پارتكوم (پارتىيە خىزمىتى كومىتېتى) ۋە تۇرۇشلۇق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك پارتكوملارغا كادىرلار مەسىلىسى توغرىسىدىكى يىپ ئۇچىدىن 268ى ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى

2017.12.08 15:45         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئون كۆزىتىش گۇرۇپپىسى 2- قېتىمدا كۆزىتىلگەن 18 ناھىيە، شەھەر، رايونلۇق پارتكوم، ئىككى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتى ۋە تۇرۇشلۇق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك پارتكوملارغا كۆزىتىش پىكرىنى قايتما ئىنكاس قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم كۆزىتىش گۇرۇپپىلىرىنىڭ باشلىقلىرى قايتما ئىنكاس قىلغاندا مۇنداق دېدى: كۆزىتىش جەريانىدا بايقالغان مەسىلىلەر، تۈپ جەھەتتىن ئېيتقاندا، پارتىيە رەھبەرلىكى ئاجىزلىشىش، پارتىيە قۇرۇلۇشى مۇكەممەل بولماسلىق، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئاجىز بولۇش، پارتىيە ئېڭى سۇسلىشىش، تەشكىلىي جەھەتتىكى چېچىلاڭغۇلۇق، ئىنتىزام جەھەتتىكى بوشاڭلىق، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا كەڭ، بوش، يۇمشاق بولۇشتىن ئىبارەت. كۆزىتىلگەن ئورۇنلار كۆزىتىش گۇرۇپپىسى قايتما ئىنكاس قىلغان پىكىرلەرگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۆزىتىش- تۈزىتىش توغرىسىدىكى بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرما- تەلەپلىرى بويىچە، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تۈزىتىش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەسىلە تىزىملىكى، ۋەزىپە تىزىملىكى ۋە مەسئۇلىيەت تىزىملىكى تۈزۈپ، ھېسابنى بىرمۇ بىر ئېلىپ، تۈرمۇ تۈر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەممىنى تۈزىتىشى، بىر- بىرلەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم كۆزىتىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى ۋە كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇللىرى مۇنداق تەكىتلىدى: كۆزىتىلگەن ئورۇنلاردىكى پارتكوم (پارتىيە خىزمىتى كومىتېتى) پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، سىياسىي يۈكسەكلىكى ۋە سىياسىي ئاڭلىقلىقىنى ئۆستۈرۈپ، كۆزىتىش- تۈزىتىش سىياسىي يۆنىلىشىنى مۇستەھكەملەپ، كۆزىتىشتە قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنىڭ كېسەللىك يىلتىزىنى چوڭقۇر قېزىپ، دەل جايىدا كۈچەپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، مەركەزلىك تۈزەپ، تۈزىتىش ئۈنۈمىنى پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە گەۋدىلەندۈرۈشى، مەۋقەنى ئۆز خىزمىتىگە قويۇپ، خىزمەتنى قېتىرقىنىپ ياخشى ئىشلەشتە گەۋدىلەندۈرۈشى، مۇقىملىق ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە گەۋدىلەندۈرۈشى كېرەك.

  كۆزىتىلگەن ئورۇنلاردىكى پارتكوم (پارتىيە خىزمىتى كومىتېتى)نىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى بىردەك مۇنداق دېيىشتى: كۆزىتىش گۇرۇپپىسى ئىنكاس قىلغان پىكىرلەرنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۆزىتىش- تۈزىتىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما- تەلەپلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆزىتىش- تۈزىتىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەت، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىمىزگە ئېلىپ، پارتكوم دائىمىي كومىتېت يىغىنىنى دەل ۋاقتىدا ئېچىپ، كۆزىتىش- تۈزىتىش خىزمىتىنى مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىپ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۈرمۇ تۈر چىڭ تۇتۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىمىز.

  قايتما ئىنكاس قىلغان مەزگىلدە، كۆزىتىش گۇرۇپپىلىرى كۆزىتىلگەن ئورۇنلاردىكى پارتكوم(پارتىيە خىزمىتى كومىتېتى) تۇرۇشلۇق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك پارتكوملارغا كۆزىتىشكە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى ھەم كادىرلارنى باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسى بويىچە، كۆزىتىلگەن ئورۇندىكى پارتكوم(پارتىيە خىزمىتى كومىتېتى)غا كادىرلار مەسىلىسىگە ئائىت 152 يىپ ئۇچىنى، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك پارتكوملارغا كادىرلار مەسىلىسىگە ئائىت 116 يىپ ئۇچىنى ئۆتكۈزۈپ بەردى. كۆزىتىلگەن ئورۇندىكى پارتكوم(پارتىيە خىزمىتى كومىتېتى)غا قايتما ئىنكاس قىلىنغان كونكرېت مەسىلىلەر يېقىندا ئېلان قىلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر