باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

باشلامچىلىق بىلەن «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قەتئىي زەربە بېرىمەن

قومۇل شەھەرلىك پەن- تېخنىكا جەمئىيىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس، ئېۋىرغول رايونى شەرقىي شەھەر ئەتراپى بەخت كەنتى مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى ئىلھام ئىسلام

2017.12.08 15:43         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىغا تىرىشىپ يېتىش − شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز «تۆت ئاڭ»، «بەشنى تونۇش» تۇيغۇسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، سىياسىي سەزگۈرلۈك ۋە سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈپ، كاللىمىزنى ھەر ۋاقىت سەگەك تۇتۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

  مەن بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا تىرىشىپ «بەشتە باشلامچى» بولىمەن:

  بىرىنچى، ھالقىلىق پەيتتە ئوتتۇرىغا چىقىپ، پارتىيەگە سادىق بولۇش ۋە مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ باشلامچىسى بولىمەن. «ئۈچ خىل كۈچ» «مىللەت» ۋە «دىن»نى دەستەك قىلىپ، كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى ھەدەپ تارقىتىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىكنى تەرغىب قىلىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتتى. ھەققانىيەت تۇيغۇسى بار، ۋىجدانلىق ھەر قانداق كىشى بۇنىڭغا سەل قارىماي، قەتئىي ئوتتۇرىغا چىقىپ «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئۇلارغا ياشىغۇدەك بوشلۇق ۋە ماكان قويماي، ئۇلارنى خەلق ئۇرۇشىنىڭ بىپايان دېڭىزىغا ئۈزۈل- كېسىل غەرق قىلىشى كېرەك. 32 يىللىق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مۇقىملىقنى قوغداشنى زىممەمگە ئېلىش، چىڭ تۇتۇش مەسئۇلىيىتىم ۋە مەجبۇرىيىتىم بار، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى كۈرەشتە باتۇرلۇق بىلەن ئاۋانگارتلاردىن بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق پارتىيەگە سادىق بولۇشنىڭ باشلامچىسى بولىمەن.

  ئىككىنچى، ياخشى- ياماننى ئېنىق پەرقلەندۈرۈپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشنىڭ باشلامچىسى بولىمەن. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ مەسىلىدە مەيدانىمنى مۇستەھكەم، پوزىتسىيەمنى ئېنىق قىلىپ، تونۇشۇمنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تىلىم بىلەن دىلىمنى بىردەك قىلىپ، ئۆزۈمنى چەتكە ئالمايمەن، ئاتالمىش «چېكىنىش يولى» قالدۇرمايمەن، «مۆتىۋەر» بولۇۋالمايمەن. «ياخشىچاق بولۇش» ئىدىيەسىنى قەتئىي تۈزىتىپ، قول قوۋۇشتۇرۇپ قاراپ تۇرماي، ئۆزۈم بىلەن مۇناسىۋەتسىز دەپ قارىماي، «ئۆزىنى ئايايدىغان ئاقىل» بولۇۋالماي، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن. راست بىلەن يالغان، ھەق بىلەن ناھەق، ياخشى بىلەن يامان، ئادالەت بىلەن رەزىللىكنىڭ چەك- چېگراسىنى ئىگىلەپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت ۋە ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇپ، مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت»ىنى قەتئىي ياخشى ئېتىپ، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ دائىملاشقان تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى ئېسىل پەزىلەت، ئىرادىنى تاۋلايدىغان «بىلەي» قىلىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ھەر مىللەت ئاممىغا ياخشى تەشۋىق قىلىمەن، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، ئەبەدىي ئەمىنلىك ۋە ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك قائىدىلەرنى ھەر مىللەت ئاممىغا چۈشەندۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ جىنايى ماھىيىتىنى ھەر مىللەت ئاممىغا ئېنىق بىلدۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى كۈرەش قىلىش جاسارىتىنى ئۇرغۇتۇپ، باش نىشانغا يېتىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ مۇجەسسەملەيمەن.

  ئۈچىنچى، قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇش، ياردەم بېرىشتە تەشەببۇسكار بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ باشلامچىسى بولىمەن. قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ تۇغقانلىشىۋاتقان مەنزىرىلەر، قىزغىن ھال- ئەھۋال سورىشىۋاتقان كۆرۈنۈشلەر، تەسىرلىك ئىناقلىق- ئىتتىپاقلىق ھېكايىلىرى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنىڭ ئاساسىي مېلودىيەسىنى شەكىللەندۈردى، بەخت جىلۋىلىرى، قويۇق تۇغقاندارچىلىق ھېسسىياتىدىن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ خۇش پۇراق گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلدى. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغان بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئۆزئارا قويۇق باردى- كەلدى قىلىشىدىغان ياخشى ۋەزىيەت تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى گۈزەل كارتىنىغا ئايلاندى. مەن نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رولۇمنى، ئارتۇقچىلىقىمنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئاممىغا تەشۋىق قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمەن.

  تۆتىنچى، خىزمەتنى پۇختا ئىشلەپ، ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشنىڭ باشلامچىسى بولىمەن. مەن قومۇل شەھەرلىك پەن- تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنى باشلاپ، ئېۋىرغول رايونى شەرقىي شەھەر ئەتراپى بەخت كەنتى مەھەللىسىگە كەلگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئارتۇقچىلىقىمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىغا تەشۋىق قىلىش، ئاممىنى تەربىيەلەش خىزمىتىنى تىرىشىپ پۇختا، ئىنچىكە، ئەمەلىي ئىشلىدىم. دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى، دېھقان- چارۋىچىلار كەچلىك كۇرسى، كەنت ئاھالىلىرى يىغىنى ۋە ھەر خىل تەربىيەلەش كۇرسلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئائىلىلەرگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەش، قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىش، ئائىلىلەرگە كىرىپ قانۇن چۈشەندۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈردۈم، پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى، پارتىيەنىڭ شەپقىتى ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن- نىزاملىرىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىپ، پارتىيە تارىخى، دۆلەت تارىخى ۋە شىنجاڭنىڭ «ئۈچ تارىخ»ى، «بەشنى تونۇش» تۇيغۇسىنى مەردانىلىك بىلەن سۆزلىدىم، ئاممىنىڭ پارتىيەنى، ۋەتەننى سۆيۈش، قانۇن- ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش ئېڭى ۋە مىننەتدارلىق ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، قانۇن ئىدارە قىلىش قارىشىنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك، «پانئىسلامىزم»، «پانتۈركىزم»نىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇش ئىدىيەۋى ئاساسىنى پۇختىلاپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى تۇرغۇزدۇم. دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى پاش قىلىش پائالىيىتىنى باشلامچىلىق بىلەن قانات يايدۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى، «پانئىسلامىزم»، «پانتۈركىزم» ئىدىيەسىنى ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ ئالدامچىلىقى ھەم رېئال خەۋپىنى چوڭقۇر پاش قىلىپ ۋە تەنقىدلەپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ زەھىرىنى ئۈزۈل- كېسىل تازىلاپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى قەتئىي تارتىپ چىقاردىم.

  بەشىنچى، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىشنىڭ باشلامچىسى بولىمەن. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا بەرگەن دوكلاتى بىزگە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى چوڭقۇر مۇھەببىتىنى، مەسئۇلىيەتچان روھىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى، شۇنداقلا پارتىيەلىك كادىرلارغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى. مەن پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، پاك- دىيانەتلىك بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق تۆھپە قوشىمەن. بىز پارتىيەلىك كادىرلار چوقۇم كوممۇنىستلارنىڭ ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئېسىل ئىستىلىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزىمىز ئۈلگە بولۇپ، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، كۆڭلىمىزنى ئەمەلىي ئىشلەشكە قارىتىپ، ۋاقتىمىزنى خىزمەتكە سەرپ قىلىپ، زېھنىمىزنى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قويۇپ، مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، ھەقىقىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تىرىشىپ، مۇقىملىق ۋە تەرەققىيات خىزمىتىنى كۈچىمىزنىڭ بارىچە ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

  پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۆزۈمگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە قەتئىي كۈرەش قىلىپ، باشتىن- ئاخىر تونۇشتا مۈجمەللىك، پوزىتسىيەدە سۇسلۇق قىلماي، ھەرىكەتتە تەۋرەنمەي، باش نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر