باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، باش نىشاننى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرىمەن

مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم ئۆركېن

2017.12.08 15:44         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەن پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىر، خىزمەتكە قاتناشقان 26 يىلدىن بۇيانقى ھايات مۇساپەمنى ئەسلىسەم، ئاددىي ئوقۇتقۇچىدىن ھاكىم دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىر بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلدىم، بۇ پارتىيەنىڭ مائارىپ سىياسىتى، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈش، تاللاپ ئۆستۈرۈش سىياسىتىنىڭ نەتىجىسى، مېنىڭ ھەر بىر ئىلگىرىلەش قەدىمىم پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە تەشكىلنىڭ يېتىشتۈرۈشىدىن ئايرىلالمايدۇ. مەن پارتىيەنىڭ ئىللىق قۇياش نۇرى ئاستىدا ئۆسۈپ يېتىلدىم، شۇڭا پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئاللىبۇرۇن قەلبىمدە چوڭقۇر يىلتىز تارتتى، قېنىمغا سىڭدى ھەم ھەرىكەت مىزانىمغا ئايلاندى.

  پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا 18- قۇرۇلتايدىن بۇيانقى خىزمەتلەر ئەسلەپ ئۆتۈلۈپ، ئۆتكەن بەش يىلدا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردۇق، دەپ كۆرسىتىلدى. بۇ بەش يىلدا يۇرتۇم مورىدىمۇ زور ئۆزگىرىشلەر بولدى: تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرى ھەممە يەردە چېچەكلەپ مېۋە بەردى، تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتى، شەھەر- يېزا قىياپىتى يېڭى تۈسكە كىردى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشتى، مىللىي ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئومۇميۈزلۈك قوغدالدى ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىندى... بۇلار يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلغانلىقى ۋە كۆيۈنگەنلىكىنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىدىغان نىشانلىق ياردەم بېرىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرغانلىقى ھەم شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىدا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرغانلىقىنىڭ مەھسۇلى. بۇ تەرەققىيات نەتىجىلىرى مېنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن ناھىيەدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا نەپ يەتكۈزدى. پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئەتراپىمدىكى ئۆزگىرىشلەرنى، بۇ ئۆزگىرىشلەر ئېلىپ كەلگەن ئەمەلىي نەپ ۋە بەختنى ھېس قىلىپ تۇرۇپمۇ، پارتىيەگە، ۋەتەنگە قانداقمۇ چىن كۆڭلۈمدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرمەي تۇرالايمەن!

  پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشنى ھەرىكىتىمدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشتا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ باش نىشان توغرىسىدىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا ئەمەلىيلەشتۈرىمەن.

  «ئۈچ خىل كۈچ» مىللەتنى دەستەك قىلىپ، دىن تونىغا ئورىنىۋېلىپ، دىنىي ئەقىدىلەرنى خالىغانچە بۇرمىلاپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنىڭ دىنىي ھېسسىياتىدىن پايدىلىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى، ۋەتەننى پارچىلاش جىنايى قىلمىشلىرى بىلەن شۇغۇللاندى. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار قوشۇنىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر شىنجاڭ تارىخى، مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات تارىخى، دىنلارنىڭ ئۆزگىرىش تارىخىدا ئاق- قارىنى ئاستىن- ئۈستۈن قىلىپ، پاكىتنى بۇرمىلاپ، كۆز بويامچىلىق قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تونۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى. ئۇلار ئۆزىنى پەردازلاپ ئەتراپىمىزغا يوشۇرۇنۇپ، خىزمىتىمىزدىكى ئاجىز ھالقىلارنى نىشانلاپ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مالىمانچىلىق، بۇزغۇنچىلىق پەيدا قىلدى. مەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، كۆزۈمنى يوغان ئېچىپ، ھەق- ناھەقنى پەرقلەندۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە يېنىمىزغا يوشۇرۇنۇۋالغان «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن.

  پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: دۆلەت خەۋپسىزلىكى − ئەلنى ئەمىن تاپقۇزۇشنىڭ، دۆلەتنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئۇل تېشى، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغدىغانلىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغدىغانلىق، ھەر خىل سىڭدۈرمىچىلىك، ئاغدۇرمىچىلىق، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى، دىنىي ئەسەبىي ھەرىكەتلەردىن قاتتىق مۇداپىئە كۆرۈش ۋە ئۇنىڭغا قەتئىي زەربە بېرىش كېرەك، دەپ كۆرسىتىلدى. مىللىي ئاپتونوم ناھىيە، چېگرا ناھىيەدىكى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي ۋەزىپەم ۋە سىياسىي مەسئۇلىيىتىم قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى يۈرۈشلۈك «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرلىرىنى كەم- كوتسىز ئىجرا قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەن ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى باشتىن- ئاخىر باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، بارلىق كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشتا باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇش، نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا بىرىنىڭمۇ كەم قالماسلىقىغا، ئورتاق بېيىش يولىدا بىرىنىڭمۇ سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر