باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

مالىيە دوكلاتىنى چۈشىنەلمەيدىغانلار پاي چېكى سېتىۋالسا بولامدۇ؟

2017.12.08 15:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ئەگەر يىل بېشىدا ماۋۇ پاي چېكىنى سېتىۋالغان بولسام، ھازىر ھەسسىلەپ پايدا ئالاتتىم»... قولغا تېگىش ئالدىدا تۇرغان يىللىق مۇكاپاتنى قانداق بىر تەەرپ قىلىشنى ئويلىشىۋاتقان شياۋ لى يېقىندىن بېرى نۇرغۇن دوستلىرىنىڭ بۇ يىل قىزىپ كەتكەن «ئاق ئات بازىرى» دېگەن گەپلىرىنى دائىم ئاڭلاپ قالدى.

  بىراق، ھەممەيلەن: «پاي چېكى سېتىۋېلىشتا ئەڭ ئاخىرىدا سېتىۋالىدىغىنى يەنىلا شىركەت، مالىيە مەلۇمات جەدۋىلىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ، پاي چېكى ئالغىلى بولامدۇ؟» دېيىشتى.

  بىراق، پاي بازىرىغا مەبلەغ سېلىشنىڭ مەزمۇنى بەك مول، بىرەر ئېغىز گەپ بىلەن چۈشەندۈرۈش تەس. ئوخشاش بازار ئەھۋالىدا بەزىلەر كۆپ پايدا ئالسا، بەزىلەر ئېغىر زىيان تارتىدۇ؛ ئوخشاش پاي چېكىنى سېتىۋېلىش-سېتىش ۋاقتى ئوخشاش بولمىسا، بەزىلەر جىق پايدا ئالغان بىلەن، بەزىلەر نۇقتىنى خاتا بەلگىلىۋېلىپ، ھەمىشە قىممەت سېتىۋېلىپ ئەرزان سېتىپ قالىدۇ.

  بىر قىسىم مەبلەغ سېلىش نەتىجىسى ياخشى پاي چېكى بازىرى ماھىرلىرى تۆۋەندىكى «مەبلەغ سېلىشتىكى بەش ماددا»نى يەكۈنلەپ چىقتى.

  بىرىنچى: مەبلەغ سېلىش روھىي ھالىتى مۆتىدىل بولۇش لازىم. ئەنئەنىۋى مۈلۈك تەقسىملەشتە، پاي چېكىگە مەبلەغ سېلىش «ئىنتايىن خەتەرلىك» دەپ قارىلىدۇ، ئۇنىڭ پايدىسى بىلەن خەۋپ- خەتىرىنىڭ باغلىنىشى بىر قەدەر كۈچلۈك. دېمەك، پاي بازىرىغا مەبلەغ سېلىشتا روھىي ھالەت بەك مۇھىم: قولدا ئېشىنچا پۇل بار بولۇپ، كۆزلىمە مۇددەت ئىچىدە جىددىي ئىشلىتىش ئورنى يوق بولسا، مۇئەييەن باھا داۋالغۇشىغا چىداپ، يىپنى ئۇزۇن قويۇۋېتىشكە بولىدۇ.

  ئىككىنچى: ئاۋۋال قىممىتىنى ساقلاش، ئاندىن قىممىتىنى ئاشۇرۇش لازىم. ئەگەر مەبلەغنىڭ ئۈنۈمى مال باھاسى پۇل پاخاللىقى ۋە بانكىنىڭ ئامانەت پۇل ئۆسۈم نىسبىتىدىن يۇقىرى بولسا، بۇ ئاساسەن «يېرىم غەلىبە» ھېسابلىنىدۇ، ئەگەر تېخىمۇ كۆپرەك پۇل تاپقىلى بولسا، ئۇنداقتا قانائەتلىنىشكە بولىدۇ.

  ئۈچىنچى: توشقان ئۆز ئۇۋىسى ئەتراپىدىكى چۆپنى يېيىشى كېرەك. ئەگەر مالىيە دوكلاتىنى چۈشەنمىسىڭىز، ئۇنداقتا ئۆزىڭىز پىششىق بىلىدىغان كەسىپتىكى كارخانىلارنى، مەبلەغ سالغۇچىلارغا پايدا ئايرىپ بېرىشنى خالايدىغان پاي چېكى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنى تاللىسىڭىز بولىدۇ. كارخانىنىڭ ئەمەلىي ساھەدىكى نامى ئىنتايىن مۇھىم.

  تۆتىنچى: مەبلەغ سېلىشتا ئېغىر بېسىق بولۇش كېرەك. ھەرقانداق بازاردا پاي چېكىنىڭ باھاسى شىركەتنىڭ قىممىتى بىلەن ماس كەلمەسلىكى مۇمكىن، بۇ يەردە باشقا ئامىللار بەك كۆپ. ئالاقە تورى تەرەققىي قىلغان بۈگۈنكى كۈندە، ھەر خىل «بازار دەللاللىرى» دائىم دىققىتىمىزنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ئالدىراقسانلىق بىلەن كۆز قىزارتىشقا، ئۆرلىگەندە ئۆرلەۋېرىشنى كۆتۈپ، چۈشۈشكە باشلىسىلا سېتىشقا بولمايدۇ، بازارنىڭ قىزىق نۇقتىسىنى قارغۇلارچە قوغلىشىش رەسمىيەت ھەققىگىمۇ چىقىش قىلماسلىقى مۇمكىن.

  بەشىنچى: پاي چېكى بازىرىدىكى ھەر خىل ئەپقاچتى گەپلەرگە ۋە ئاتالمىش «پاي چېكى ئىلاھى»نىڭ تەۋسىيەلىرىگە ئالدىراپ ئىشىنىپ قالماڭ. ئويلاپ باقايلى، ئەگەر پاي چېكى ئىلاھلىرى شۇنچە يامان بولسا، نېمىشقا ئۆزىلا داۋراڭ سالماي باي بولۇۋالماي، يەنە سىزدىن ئاشۇ «ئەزالىق بەدەل پۇلى» ئېلىشقا تايىنىپ پۇل تاپىدۇ؟

  گەرچە پاي چېكى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ مالىيە دوكلاتى ئىنتايىن كۈچلۈك كەسىپچانلىققا ئىگە بولسىمۇ، لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شاڭخەي، شېنجېن بېرژىسى پاي چېكى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ مالىيە دوكلاتىدىكى مۇھىم سانلىق مەلۇماتلارنى «تەرجىمە» قىلىشنى، يەنى ئادەتتىكى مەبلەغ سالغۇچىلار ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان سۆزلەر ئارقىلىق ئۆز شىركىتىنىڭ مالىيە دوكلاتىنى چۈشەندۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بېرژىلارمۇ بىرىنچى سەپتىكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش فۇنكسىيەسىنى جارى قىلدۇرۇپ، پاي چېكى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەر ئاشكارىلىغان ئۇچۇرلاردىكى ساقلانغان گۇمانلىق نۇقتىلارغا قارىتا «سۈرۈشتۈرۈش خېتى» ئۇسۇلى ئارقىلىق پاي چېكى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەردىن ئۆز ۋاقتىدا چۈشەندۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. شۇڭا، مەبلەغ سالغۇچىلار شاڭخەي، شېنجېن ئىككى بىرژا ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشلارنىڭ مەزمۇنىغا يېقىندىن دىققەت قىلىشى كېرەك.

  قۇربى يېتىدىغان مەبلەغ سالغۇچىلار ئازراق ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئومۇملاشتۇرۇش ئوقۇشلۇقى سېتىۋېلىپ، ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە ئۆتۈش تەرتىپى بويىچە بىر قىسىم مۇناسىۋەتلىك مالىيە بىلىملىرىنى ئۆزلۈكىدىن ئۈگەنگەندە ھەم ئۆزىنىڭ مەبلەغ سېلىش ئانالىزى ۋە پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ، ھەم ئۆزىنىڭ بىلىم سەۋىيەسىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ. نېمىلا بولسۇن، پۇل مەسىلىدە ھىچكىم بىپەرۋالىق قىلالمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر