باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن 1022 مەمۇر ۋە كەسپىي خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىدۇ

2017.12.08 15:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-دېكابىر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، بىڭتۈەننىڭ يېڭى بىر تۈركۈمدە بىڭتۈەن مەمۇرلىرى (كەسپىي ئورۇن خىزمەتچى خادىملىرى)نى قوبۇل قىلىش خىزمىتى باشلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى. بۇنىڭدا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن 1022 مەمۇر ۋە كەسپىي ئورۇن خىزمەتچى خادىمى قوبۇل قىلىدۇ.

  بۇنىڭ ئىچىدە، ئورۇنلارنىڭ خاراكتېرى بويىچە، مەمۇر خىزمەت ئورنىغا (مەمۇرلار قانۇنى بويىچە باشقۇرۇلىدىغان ئورۇنلارنىڭ خىزمەتچىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) 1022 نەپەر، كەسپىي ئورۇن خىزمەت ئورۇنلىرىغا 10 نەپەر؛ ئوقۇش تارىخى بويىچە ماگېستىر ئاسپرانت ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىدىكىلەرنى تەلەپ قىلىدىغان ئورۇنلارغا 102 نەپەر، تولۇق كۇرس ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىدىكىلەردىن 920 نەپەر؛ سىستېما بويىچە، بىڭتۈەن ئورگان تارماقلىرىغا 195 نەپەر، شى (شەھەر) ئىجتىمائىي كاپالەت سۇغۇرتا بېجىرىش سىستېمىلىرى، ج خ سىستېمىلىرىغا 827 نەپەر خادىم قوبۇل قىلىدۇ.

  بۇ قېتىملىق ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىدىغان ئوبيېكت بولسا ئىچكىرىدىكى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن تولۇق كۇرس ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىدىكىلەر (نىشانلىق ئوقۇغۇچى، ھاۋالىلىك تەربىيەلىنىۋاتقان ئوقۇغۇچى، 2018-يىلى ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)؛ يېشى 18 ياشتىن 35 ياشقىچە (يەنى، 1981-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن 1999-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى ئارىلىقىدا تۇغۇلغانلار)؛ خەلق ساقچىسى خىزمەت ئورنىنىڭ ياش چەكلىمىسى 30 ياشتىن تۆۋەن بولۇشى شەرت؛

  بىڭتۈەن ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ ۋېنيى مۇنداق دېدى: بۇ قېتىملىق خادىم قوبۇل قىلشتا، بىڭتۈەن تۇنجى قېتىم ماگىستېر ئاسپىرانت ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىدىكىلەرنى قوبۇل قىلىدىغان خىزمەت ئورۇنلىرىغا تىزىملاتقان ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئىستۇدېنتلارغا مەخسۇس ئېتىبار بېرىش سىياسىتى تۈزدى. ماگىستېر ئاسپىرانت ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىدىكىلەرنى قوبۇل قىلىدىغان خىزمەت ئورۇنلىرىغا خادىم قوبۇل قىلىشتا، يازمىچە ئىمتىھان ئالماي، بىۋاسىتە سالاھىيىتىنى قايتا تەكشۈرۈش ۋە يۈزتۇرانە سۆزلىشىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. خىزمەت ئورنىغا بارغاندىن كېيىن سالامەتلىك تەكشۈرۈتۈش ھەققى، قاتناش ھەققىنى ئاتچوت قىلىپ بېرىپلا قالماستىن، يەنە ئەڭ كۆپ بولغاندا 160 مىڭ يۈەنلىك شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەت قىلىش تولۇقلىما پۇلى، تۇرمۇش تولۇقلىما پۇلى، ئۆي سېتىۋېلىش تولۇقلىما پۇلى بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئالدىن ئۆستۈرۈش، ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىش، كادىرلار قوشۇنىغا كىرگۈزۈپ تەربىيەلەشتىن سىرت، جورىسىنىڭ خىزمەت ئىزدىشىدە، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ خادىم قوبۇل قىلىش سىستېمىسىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ بېرىش قاتارلىق ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، ماگىستېر ئاسپىرانت ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىدىكىلەرنى قوبۇلى قىلىدىغان خىزمەت ئورۇنلىرىغا تىزىملىتىش ۋاقتى 12-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە، يۈزتۇرانە سۆزلىشىش ۋاقتى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئىمتىھان ئېلىش ئورنى خۇبېي ئۆلكىسى، شەندۇڭ ئۆلكىسى، شەنشى ئۆلكىسى، سىچۈەن ئۆلكىلىرىدە بولىدىكەن. تولۇق كۇرس ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىدىكىلەرنى قوبۇل قىلىدىغان خىزمەت ئورۇنلىرىغا تىزىملىتىش ۋاقتى 12-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 18گىچە، يازمىچە ئىمتىھان ۋاقتى 2018-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە بولىدىكەن. يازمىچە ئىمتىھان ئايرىم-ئايرىم خۇنەن ئۆلكىسى، خۇبېي ئۆلكىسى، ئەنخۈي ئۆلكىسى، چۇڭچىڭ شەھىرى، جياڭشى ئۆلكىسى، شەندۇڭ ئۆلكىسى، شەنشى ئۆلكىسى، گەنسۇ ئۆلكىسى، خېنەن ئۆلكىسى، سىچۈەن ئۆلكىلىرىدىن ئىبارەت 11 ئۆلكىدە ئىمتىھان نۇقتىسى تەسىس قىلىنىپ ئېلىپ بېرىلىدىكەن، يۈزتۇرانە ئىمتىھان شىنجاڭدا ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

  ئىمتىھانغا تىزىملاتقۇچىلار 2017-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 10:00دىن (بېيجىڭ ۋاقتى) كېيىن، بىڭتۈەن ئىمتىھان ئۇچۇرلىرى تورى (www.btpta.gov.cn) غا چىقىپ، خادىم قوبۇل قىلىش نىزامى، كونكرېت خىزمەت ئورۇنلىرى ۋە مەسلىھەت سوراش تېلېفونىنى كۆرسە بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر