باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى جايلاردىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ 2017- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە نېسى قالغان قۇرۇلۇش پۇللىرىنى تۆلەشنى تەلەپ قىلدى

2017.12.08 16:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7- دېكابىر، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى يېقىندا تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق 12 تارماق بىلەن بىرلىكتە جىددىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلاردىن 2018- يىلى چاغاندىن بۇرۇن ئىش ھەققىنى نىسى قالدۇرۇش مەسىلىلىرىنى تۈزەپ، تۆلەشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر مەبلەغ سالغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە قۇرۇلۇش پۇلى ئەمەلىيلەشمەسلىكتىن كېلىپ چىققان ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش ئەھۋاللىرىغا قارىتا، 2017- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە چەكلىك ۋاقىت ئىچىدە ئالدىن تۆلەشنى تەلەپ قىلدى.

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۇقتۇرۇشنىڭ تەلىپى بويىچە، جايلار قۇرۇلۇش ساھەسى ۋە ئەمگەك كۆجۈملەشكەن پىششىقلاپ ئىشلەش، ياسىمىچىلىق، يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتى قاتارلىق ساھەلەرنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش خەۋپ-خەتەرلىرىنى تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، نېسى قالدۇرۇلغان ئىش ھەققىنى ئېنىقلاش خىزمەت خاتىرىسىنى تۈزۈپ چىقىشى كېرەك؛ يەرلىك ھۆكۈمەتلەر مەبلەغ سالغان قۇرۇلۇشتا قۇرۇلۇش پۇلىنى نېسى قالدۇرۇشتىن كېلىپ چىققان ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشقا قارىتا، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە چەكلىك ۋاقىت ئىچىدە ئالدىن تۆلىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك؛ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسى سەۋەبىدىن ئاممىۋى ۋەقەلەر ۋە چېكىدىن ئاشقان ۋەقەلەر كېلىپ چىقىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەش، تەۋەلىكنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشتا مەسۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىك، خىزمەت جايىدا بولماسلىق ۋە دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسى تۈپەيلىدىن چېكىدىن ئاشقان ۋەقەلەر ۋە ئېغىر ئاممىۋى ۋەقە كېلىپ چىققان بولسا، مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر ۋە مەسئۇل كىشىنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىش كېرەك.

  بۇ مەسئۇل كىشى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جايلار ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى قاتارلىق 12 تارماقنىڭ دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى بېرىش ئەھۋالىنى مەخسۇس تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، نېسى قالغان ئىش ھەققىنى ئېنىقلاپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى ئېلىپ يۇرتىغا قايتىپ چاغان ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر