باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيە-سىياسىي خىزمەت يىغىنى ئېچىلغانلىقىغا بىر يىل بولدى

ئىدىيە-سىياسىي خىزمەت ئالىي مەكتەپلەردە چوڭقۇر يىلتىز تارتتى

(يېڭى دەۋر، يېڭى قىياپەت، يېڭى ھەرىكەت)

2017.12.08 16:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ياشلار روناق تاپسا، دۆلەت گۈللىنىدۇ، ياشلار كۈچەيسە، دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ» ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيە-سىياسىي خىزمىتى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ قانداق ئادەم يېتىشتۈرۈش، قانداق يېتىشتۈرۈش، شۇنداقلا كىم ئۈچۈن يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت تۈپ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك.

  مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيە-سىياسىي خىزمەت يىغىنى 2016-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى، بۇ ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە مۇھىم يىغىن. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يىغىندا قىلغان مۇھىم سۆزى يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيە-سىياسىي خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت بولۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيە-سىياسىي خىزمىتىنىڭ يېڭى تارىخىي سەھىپىسىنى ئاچتى.

  بىر يىلدىن بۇيان، جايلاردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ «تۆت تونۇش»ى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، «تۆتتە ئۆزىگە ئىشىنىش»ى تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى چىن كۆڭلىدىن ھىمايە قىلىدىغان، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يۈكسەك ئېتىراپ قىلىدىغان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيە-سىياسىي خىزمىتىنىڭ «تۆت لىم، سەككىز تۈۋرۈك» رامكىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى... ئادەم تەربىيەلەش خىزمىتىنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش مارشىنى يېزىپ، ئىدىيە-سىياسىي خىزمەتنىڭ كۈچلۈك ساداسىنى ياڭراتتى.

  ئالىي مەكتەپلەرنى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرىدىغان مۇستەھكەم ئىستىھكام قىلىش كېرەك«پارتىيە، ھۆكۈمەت، ھەربىي، خەلقنىڭ ئۆگىنىشىگە قەيەردە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەممىسىگە پارتىيە رەھبەرلىك قىلىدۇ.» ئېلىمىزنىڭ ئالىي مائارىپىنى ياخشىلاشتا چوقۇم پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئالىي مەكتەپ خىزمىتىدىكى رەھبەرلىك ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئالىي مەكتەپلەرنى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرىدىغان مۇستەھكەم ئىستىھكام قىلىش كېرەك.

  بىر يىلدىن بۇيان، جايلاردىكى ئالىي مەكتەپلەر پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈلمە-مېخانىزملىرىنى پائال تاكامۇللاشتۇرۇپ، سىياسەت كاپالىتى ۋە راسخوت جەھەتتىن قوللاشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مائارىپ مىنىستىرلىقىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە ئەزاسى مەكتەپ مۇدىرلىرى ئاساسىي جەھەتتىن مەكتەپنىڭ قوشۇمچە پارتكوم مۇئاۋىن شۇجىسىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى، ئىنستىتۇت (فاكۇلتېت) پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ شۇجىسى ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىشىنى باھالاش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش-تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسىدىن 20 مىڭ كىشى، ئالىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچى پارتىيە ئەزالىرىدىن 20 مىڭ كىشى تور ئۈلگە كۆرسىتىش بويىچە تەربىيەلەشكە قاتناشتى.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا «ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيە-سىياسىي خىزمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش پىروگراممىسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيە-سىياسىي خىزمەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيە-سىياسىي خىزمەت سۈپىتىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى. مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ھازىر، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيە-سىياسىي خىزمەت سېپىدە ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن مېڭىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، بىر گەۋدىلەشكەن ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، «ئۈچ تولۇق تەربىيەلەش»نىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىرىنى ئېچىشتىن ئىبارەت.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر