باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاقسۇ ئايرودرومىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى مۆلچەرلىنىشىچە 2018-يىلى 3-ئايدا باشلىنىدۇ

قۇرۇلۇش قىلىش جەريانىدا ئايرودروم تاقالمايدۇ

2017.12.08 16:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ئاقسۇ ئايرودرومىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش تۈرىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسى ۋە خامچوتى تەستىقلانغان، مۆلچەرلىنىشىچە، 2018-يىلى 3-ئايدا قۇرۇلۇش باشلىنىدىكەن، قۇرۇلۇش جەريانىدا ئايرودروم تاقالمايدىكەن.

  12-ئاينىڭ 7-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاقسۇ ئايرودرومىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ باشقۇرۇش ئىدارىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بىرلىشىپ «ئاقسۇ ئايرودرومىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش تۈرىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسى ۋە خام چوتى توغرىسىدىكى تەستىق جاۋابى»نى تۆۋەنگە چۈشۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن، ئاقسۇ ئايرودرومىنى كېڭەيتىش، ئۆزگەرتىش تۈرىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق رەسمىيەتلىرى پۈتۈنلەي بېجىرىلىپ بولغان بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ رەسمىي ھالدا ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلاش باسقۇچىغا قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى ئاقسۇ ئايرودرومى 2-قارارلىق ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىغا كېتىدىغان پىلاندىكى مەبلەغ 739 مىليون يۈەن بولۇپ، 2025-يىلىغا بارغاندا يىللىق يولۇچى توشۇش مىقدارى 3 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىدىغان، يىللىق پوچتا مال ئوبوروت مىقدارى 15 مىڭ توننىغا يېتىدىغان قىلىپ لايىھەلەنگەن. پىلاندا كۆلىمى 20 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان T2 ئاۋىياتسىيە بېكىتى بىناسى سېلىش، يېڭىدىن 10 C دەرىجىلىك ئاپرون (ئايروپىلان توختاش ئورنى) ياساش، 2800 مېتىر ئۇزۇنلۇقتا بىر پاراللېل سىيرىلىپ ئۇچۇش يولى، ۋېرتىكال ئالاقە يولىنى يېڭىدىن سېلىش، ئۇچۇش-قونۇش يولىنىڭ مەركىزى سىزىق چىراغلىرىنى كۆپەيتىپ ئورنىتىش قاتارلىقلار بار ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر