باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ئاسماندا تور، يەردە قاپقان قۇرۇپ قاچىدىغان يول قويماسلىق» مۇھىتى بەرپا قىلىپ، «چىرىكلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇش، خىيانەتچىلىكنى چوقۇم يوقىتىش» ئىرادىسى نامايان قىلىندى

2017-يىللىق خەلقئارالىق قوغلاپ تۇتۇش، ھارام ماللارنى قايتۇرۇۋېلىش قەدىمى تېزلىدى

2017.12.08 16:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كاناداغا قېچىپ كەتكەن «قىزىل تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان 100 كىشى» ئىچىدىكى لى ۋېنگې 12-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن كېيىن ۋەتەنگە قايتىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ، 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى «قىزىل تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان 100 كىشى»نىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن قولغا چۈشكەن 51-كىشى بولدى؛ بۇ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى «قىزىل تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان 100 كىشى» ئىچىدىكى 50-كىشى جۇ جىياڭنىڭ قولغا چۈشكەنلىكىنى ئېلان قىلىپ بىر كۈندىن كېيىن بولغان ئىش. 2017-يىلى «قىزىل تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان 100 كىشى»نىڭ 14ى سوتلاندى، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ كىشى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن سوتلاندى.

  بۇ رەقەملەر جۇڭگونىڭ 2017-يىلى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خەلقئارالىق قوغلاپ تۇتۇش، ھارام ماللارنى قايتۇرۇۋېلىش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرگەن مول نەتىجىلىرىنىڭ دەلىلى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە مەركەز چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ بىۋاسىتە قوماندانلىقىدا، مەركەز قوغلاپ تۇتۇش ئىشخانىسى بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جايلار، تارماقلار پائال ھەرىكەتلىنىپ، ماس ھەمكارلىشىپ، بۇ يىلدىن بۇيان چەتئەلگە قېچىپ كەتكەن 1021 كىشىنى قايتۇرۇپ كەلگەن، بۇلارنىڭ ئىچىدە پارتىيە ئەزاسى ۋە دۆلەت خىزمەتچىلىرىدىن 292سى باركەن، 903 مىليون يۈەن ھارام مال قايتۇرۇۋېلىنغان.

  توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، «ئاسماندا تور، يەردە قاپقان قۇرۇپ قاچىدىغان يول قويماسلىق» مۇھىتى ۋە كەيپىياتى بەرپا قىلىندى

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى مۇھىم پائالىيەتلەردە كۆپ قېتىم چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقى ۋە قېچىپ يۈرگەنلەرنى تۇتۇش، ھارام ماللارنى قايتۇرۇۋېلىش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم بايانلارنى ئېلان قىلدى، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى، ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 7-ئومۇمىي يىغىنىدا قېچىپ يۈرگەنلەرنى تۇتۇش، ھارام ماللارنى قايتۇرۇۋېلىش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى مەركەز چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ قېچىپ يۈرگەنلەرنى تۇتۇش، ھارام ماللارنى قايتۇرۇۋېلىش خىزمىتى دوكلاتىنى 3-قېتىم ئاڭلىدى ۋە ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، مەركەز چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى قېچىپ يۈرگەنلەرنى تۇتۇش، ھارام ماللارنى قايتۇرۇۋېلىش خىزمىتىنى ئىككى قېتىم مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىپ، قېچىپ يۈرگەنلەرنى تۇتۇش، ھارام ماللارنى قايتۇرۇۋېلىش خىزمىتىنىڭ يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ، مۇستەھكەم سىياسىي ئاساس سالدى.

  ئىچكى جەھەتتە «يولۋاسقا تېگىش»، «چىۋىننى يوقىتىش»نى بوشاشتۇرماي، سىرتقا قارىتا «ئاسماندا تور»، «تۈلكە ئوۋلاش»نى توختاتماي، «ئاسماندا تور، يەردە قاپقان قۇرۇپ قاچىدىغان يول قويماسلىق» مۇھىتى ۋە كەيپىياتى بەرپا قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «چىرىكلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇش، خىيانەتچىلىكنى چوقۇم يوقىتىش» ئىرادىسىنى نامايان قىلىپ، چوڭ دۆلەت ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەنىڭ ئوبرازىنى جۇلالاندۇردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر