باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گۈزەل جۇڭگو دۇنيانىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى

2017.12.08 15:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خېبېي ئۆلكىسى سەيخەنبا ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ قۇرۇلۇشچىلىرى 5-دېكابىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇھىت ئاسراشتىكى ئالىي مۇكاپاتى «يەر شارى مۇھاپىزەتچىلىرى مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى، يەر شارىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مۇتەخەسسىس، ئالىملىرى بەس-بەستە «جۇڭگو مۇھىت ئاسراش ساھەسىدە يەر شارى رەھبەرلىك كۈچىنى گەۋدىلەندۈردى» دېدى.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، مۇھىت مەھكىمىسىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى ئېرىك سولھېيىم مۇنداق دېدى: سەيخەنبا ئورمانچىلىق مەيدانى قۇرۇلۇشچىلىرىنىڭ ھېكايىسى بارلىق كىشىلەرگە ئىلھام بولدى. ئۈچ ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ بوشاشماي تېرىشىپ ئورمان ئەھيا قىلىشى ئارقىسىدا، ئۇلار تېز ھەم ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بىلەن ئورمانلىقنى يەنە قايتۇرۇپ كەلدى.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇھىت مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى نايسان سابا مۇنداق دېدى: جۇڭگو دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مۇھىم ئاسراش تەجرىبىلىرىدىن ماھىرلىق بىلەن ئۆرنەك ئالدى شۇنداقلا نۇرغۇن يېتەكلەش خاراكتېرلىك مۇھىت ئاسراشتىكى يېڭى ئۇسۇللارنى ئىجاد قىلدى. دۇنيا جۇڭگونىڭ مۇھىت ئاسراش ھېكايىسىنى ئاڭلاش، جۇڭگونىڭ مۇھىت ئاسراش تەجرىبىسىدىن ئۆگىنىشكە تېخىمۇ ئىنتىزار بولماقتا.

  سەيخەنبا ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ پېنسىيە چىققان چىققان 73 ياشلىق خىزمەتچىسى چېن يەنشيەن-ئورمانچىلىق مەيدانىدىكى تۇنجى قۇرۇلۇشچىلارنىڭ بىر ئەزاسى، ئورمانچىلىق مەيدانىدىن نايروبىغا بېرىپ مۇكاپات ئالغان ئۈچ ۋەكىلنىڭ بىرى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن ئۈچ ئەۋلاد سەيخەنبالىقلارغا ۋاكالىتەن مۇكاپات ئالدىم، مېنىڭ ھازىرقى ھاياجىنىمنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلمەيمەن. بۈگۈنكى جۇڭگودا، يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇ قىممەتلىك بايلىق دېگەن بۇ مۇھىم قاراشتىن ھەممە كىشى خەۋەردار، ئۇنىڭدا، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋىتى ئاممىباب ھەم چوڭقۇر ئىپادىلەپ بېرىلگەن، سەيخەنبانىڭ ھېكايىسىمۇ دەل مۇشۇنداق يېشىللىق قائىدىسىنى ئىسپاتلاپ بەردى. يەنە سەيخەنباغا ئوخشاش نۇرغۇن يېشىللىق مۆجىزىلىرى بار بولۇپ، قەدىمىي جۇڭگودا تېخىمۇ ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلماقتا. بۇ-بىزنىڭ يېڭى يېشىللىق مۆجىزىسى يارىتىشىمىزغا ئىلھام بەرمەكتە، بىزنىڭ ئورتاق ماكانىمىز چوقۇم بۇ خىل ئىلھام ۋە ھەرىكەت جەريانىدا تېخىمۇ ئىناقلىق، تېخىمۇ گۈزەللىككە تولغۇسى!


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر