خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئامېرىكا ۋاشىنگتون دېڭىز ئارمىيەسى خاتىرە مەيدانىدا، روبېرت كوفمان (ئوڭدا) پېئارل خاربور ۋەقەسىنىڭ 76 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتناشتى. روبېرت كوفمان ئىلگىرى «مىسسورى» ناملىق جەڭ پاراخوتىدا ياپونىيەنىڭ تەسلىم بولۇش مۇراسىمىگە شاھىت بولغان ئامېرىكىلىق. شۇ كۈنى، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى پېئارل خاربور ۋەقەسىنىڭ 76 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
1941-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى، ياپونىيە ئارمىيەسى ئامېرىكىنىڭ ھاۋايدىكى دېڭىز ئارمىيە بازىسى بولغان پېئارل خاربور پورتىغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىپ،ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن ھەربىي پاراخوتى ۋە نەچچە يۈز ئايروپىلانىنى ۋەيران قىلغان ۋە ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراتقان،تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە ئامېرىكا تەرەپتىن تەخمىنەن 2400 ئادەم قازا قىلغان. ئارقىدىن ئامېرىكا ياپونىيەگە ئۇرۇش ئېلان قىلىپ، تىنچ ئوكيان ئۇرۇشى باشلانغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى