باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئۈرۈمچىگە كەلگەن تۇغقانلار 19-قۇرۇلتاي روھىدىن زور ئىلھام ئالدى

2017.12.07 16:48   مەنبە: خەلق تورى

ئۈرۈمچىگە كەلگەن تۇغقانلار 19-قۇرۇلتاي روھىدىن زور ئىلھام ئالدى

  سۈرەتتە 12-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى پائالىيەتلەردىن كۆرۈنۈش.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋىرى، پولات ئابدۇكېرىم غوجا فوتوسى) ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسى 19-قۇرۇلتاي روھىنى دېھقان تۇغقانلىرىغا تېخىمۇ چوڭقۇر يەتكۈزۈش مەقسىتىدە، مەكىت ناھىيەسى بازارجەمى يېزىسى چامغۇرلۇق كەنتى بىلەن قوشئېقىن كەنتىدىكى 51 دېھقان قېرىندىشىنى تەشكىللەپ، ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كەلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ئالاقە باشقارمىسىنىڭ باشلىقى شىرئەلى قۇربان ئۆزى ئالايىتەن مەكىت ناھىيەسىگە بېرىپ، تۇغقانلارنى ئېلىپ ئۈرۈمچىگە كەلدى. ئۇلار 11-ئاينىڭ 22-كۈنى، مارالبېشى ناھىيەسىگە كېلىپ، پويىزلىق يولغا چىقتى. مارالبېشى ناھىيەسىدىن ئۈرۈمچىگە كەلگۈچە بولغان ئون نەچچە سائەت ۋاقىت ئىچىدە، شىرئەلى قۇربان تۇغقانلارغا 19-قۇرۇلتاي روھىنى، قۇرۇلتايدا ئېيتىلغان دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان «ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، بىرلىككە كەلگەن ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ۋە ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش» دېگەندەك دېھقانلار ئۈچۈن ئېيتىلغان مۇھىم مەزمۇنلارنى، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلارنى دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ۋە مائارىپ، سەھىيە قاتارلىق ساھەلەردە بۇنىڭدىن كېيىن يولغا قويۇلىدىغان خەلققە قولايلىق نۇرغۇن ياخشى سىياسەت-فاڭجېنلارنى ئالاھىدە چۈشەندۈردى. يۇرت ئاتلاپ چىقىپ باقمىغان دېھقان قېرىنداشلار پويىزدا ماڭغۇچە يول بويىدىكى ئۆزگىرىش، تەرەققىياتلاردىن سۆيۈنسە، 19-قۇرۇلتايدىن كېيىن بولىدىغان ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى ئاڭلاپ، كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچى ئېشىپ، تېخىمۇ زور ئارزۇ-ئۈمىدكە تولدى.

  ئۇلار 11-ئاينىڭ -23كۈنى ئۈرۈمچى ۋوگزالىغا يېتىپ كەلدى، ۋوگزالدا ھەر مىللەت تۇغقانلىرى ئۇلارنى تەقەززالىق بىلەن ساقلاپ تۇرغانىدى. تۇغقانلار قۇچاقلىشىپ كۆرۈشكەندىن كېيىن ، ئۈرۈمچىدىكى ئۈچ كۈنلۈك ئەھمىيەتلىك پائالىيەت باشلاندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىكى كادىرلار تۇغقانلىرىنى قىزىلتاغقا باشلاپ چىقىپ، قىزىلتاغ چوققىسىدىن ئۈرۈمچىنىڭ مەنزىرىسىنى تاماشا قىلغۇزدى. دېھقان تۇغقانلار تېز سۈرئەتلىك تاشيولدا تېز ئۆتۈشۈپ كېتىۋاتقان ئېسىل ماشىنىلار، قاتار-قاتار تېزىلىپ تۇرغان كۆز يەتكۈسىز ئېگىز ئىمارەتلەرنى كۆرۈپ، ئۈرۈمچىنىڭ تەرەققىياتىغا ھەقىقەتەن قايىل بولدى. ئۇلار تېز سۈرئەتلىك پويىز بېكىتىگە بېرىپ ئوق پويىزنى كۆردى ھەم ئاپتوماتىك بېلەت ئېلىش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىۋالدى. دېھقانلار يېقىن كەلگۈسىدە ئۆز يۇرتلىرىدىن مۇشۇ پويىزغا ئولتۇرۇپ مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىگە، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە باردىغانلىقىنى ئويلاپ، 18-

  قۇرۇلتايدىن كېيىنكى شىنجاڭدىكى ئالەمشۇمۇل تەرەققىياتلارغا قايىل بولدى. ئۇلار قايتىپ بارغاندىن كېيىن، دېھقانچىلىق بىلەنلا شۇغۇللىنىپ قالماي، بىلىم سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، تەرەققىياتقا يېقىندىن ماسلىشىدىغان بىلىملىك دېھقانلاردىن بولمىسا بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىشتى.

  كەچتە ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى داڭلىق سەنئەتكارلارنى تەكلىپ قىلىپ كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ ، ئۈرۈمچىگە كەلگەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بىرلىكتە ئېسىل نومۇرلاردىن ھوزۇرلاندى ھەم «جەم بولۇش تامىقى» يېدى. مەكىتتىن كەلگەن تۇغقانلار ئۈرۈمچىدىكى تۇغقانلىرىغا ئۆزلىرىنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلىرىدىن چىلان، ياڭاقلارنى، ئۆز قوللىرىدا تىككەن دوپپىلارنى سوۋغا قىلدى، ئۈرۈمچىدىكى تۇغقانلارمۇ ئۇلار ئۈچۈن تەييارلىغان سوۋغاتلىرىنى سوۋغا قىلدى. تۇغقانلار بۈگۈن ئۆزئارا ھال-مۇڭ بولۇشۇپ، پۇخادىن چىققۇچە مۇڭدىشىۋالدى. 24- چىسلا مەكىتتىن كەلگەن تۇغقانلار يۇقارقى تاغقا چىقىپ، ئۈرۈمچى ناھىيەسىدىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ باي بولۇش تەجرىبىلىرى، بېيىش يولى ۋە نىشانىنى ئاڭلاپ، كۆڭۈللىرىگە نۇرغۇن ئارزۇ-ئارمانلارنى پۈكتى. ئۇلار يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن ، مەركىزىي شەھەردە كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىنى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەرەققىياتلىرىنى يۇرتداشلىرىغا، مەھەللە -كويلىرىغا يەتكۈزۈپ، ئۆزلىرى باش بولۇپ گۈزەل يۇرت-ماكان قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى، 19-قۇرۇلتايدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەۋزەل سىياسەتلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، 19-قۇرۇلتاي روھىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش ئىرادىسىگە كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.

  __ بۇ قېتىم ئۈرۈمچىگە كېلىپ ھەممىمىز ئىنتايىن خۇش بولدۇق. داڭلىق چولپانلارمۇ بىزگە قېرىنداش تۇغقانلاردەك يېقىنچىلىق قىلىپ، نادىر نومۇرلارنى ئورۇنلاپ بىزنى تېخىمۇ خۇش قىلىۋەتتى. مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىدىكى تەرەققىياتلارنى كۆرۈپ، بالىلىرىمنى ياخشى تەربىيەلەپ، كەلگۈسىدە ئۈرۈمچىدىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇتۇپ، يۇرتىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن،-دېدى مەكىت ناھىيەسى بازارجەمى يېزىسى چامغۇرلۇق كەنتىدىن كەلگەن ئانارگۈل بەكرى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ئالاقە باشقارمىسىنىڭ باشلىقى شىرئەلى قۇربان مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ئىدارە پارتگۇرۇپپىسى ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئىنتايىن ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇردى. ئەڭ مۇھىمى 19-قۇرۇلتاي روھىنى ئەمەلىي پاكىتلارنى، تەرەققىياتلارنى كۆرسىتىش، ئەتراپتىكى ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلەش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىدىيەسىگە چوڭقۇر سىڭدۈردۇق. ھەر بىر دېھقاننىڭ ئاز بولسىمۇ بىلىم ئىگىلەپ، ئۆزلىرىنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈۋېتىش توغرىسىدا نىشان، قانداق قىلىش توغرىسىدا كۆڭلىدە سان بولدى . ئۇلارنىڭ خۇشاللىقىدىن، چېھرىدىكى مەمنۇنىيەتتىن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنىڭ ھەقىقىي ئەھمىيىتىنى كۆردۇق ھەم بۇنىڭدىن كېيىن بۇ توغرىسىدىكى خىزمەتنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلىپ يەتتۇق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·كېلەر يىلى ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزىدىغانلار سانىنىڭ 8 مىليون 200مىڭ كىشىگە يېتىشى مۆلچەرلەندى 
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى «توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى دەرىجىسىنى 12 يىلغا ئۆستۈرۈش» شەرتىنىڭ ھازى…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىغا يۇغۇرما (سىغدۇرۇشچان) مائار…
    ·2017-يىللىق جۇڭگو ئاتا-ئانىلار بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى تيەن شۆجۈن بالىلار باغچىلىرىدىكى بالىلارنى خورلاش ۋەقەسىد…
    ·ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىدىن دۆلىتىمىزگە يەتكۈزۈلىدىغان گاز مىقدارى 200 مىليارد كۇپمېتىرد…
    ·شىنجاڭدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ 2018-يىللىق سەنئەت كەسپى ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش ۋاقتى ۋە گۈزەل سەنئەت تۈرى،…
    ·ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئىستۇدېنتلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ھەپتىلىكى باشلاندى
    ·بېيجىڭ قىزىل-سېرىق-كۆك يېڭى ماكان بالىلار باغچىسىنىڭ بىر مۇئەللىمى بالىلارنى خورلىغان دەپ گۇمان قىل…
    ·بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ھەر بىر يەسلىگە بىردىن مەسئۇل مائارىپ مۇپەتتىشى سەپلەشنى تەلەپ قىل…