باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

«جاسۇس»لۇق ئۇچۇر ئاشكارىلىنىشتىكى ئاساسلىق يول

بىزنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىمىزنى ئېلىپ سېتىۋاتقانلار كىم؟

2017.12.07 17:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇلتۇردىن بۇيان، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، ئېلىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا توردا پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىغا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈش جىنايىتىگە زەربە بېرىش، تەرتىپكە سېلىش مەخسۇس ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلدى ۋە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى. لېكىن نۆۋەتتە، پۇقرالارنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈش قىلمىشلىرى ھېلىمۇ ئارىلاپ يۈز بەرمەكتە، قانۇنسىز ھالدا پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى يىغىش، ئېلىپ-سېتىش ئۇسۇللىرى ھەرخىل، ۋاسىتىلىرى تېخىمۇ يوشۇرۇن بولماقتا.

  مۇخبىرنىڭ كۆپ جايلارنىڭ ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە تېلېگراف تورى ئالدامچىلىقى دېلولىرىنىڭ %90ى قانۇنسىز ئۇنسۇرلار پۇقرالارنىڭ تەپسىلىي ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشكەندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان ئېنىق، نىشانلىق ئالدامچىلىق ئىكەنلىكى، پاش بولغان دېلولاردىن قارىغاندا، «جاسۇس»لار قولىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ سېتىپ بېرىلىشى بىلەن خاككىرلارنىڭ ھۇجۇم قىلىشى پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق يول ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىغان.

  بەزى جىنايەتچىلەر مەخسۇس ياشانغانلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى توپلاپ، ئالدامچىلىق قىلىدىكەن

  12-ئايدىن بۇيان، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شيامېن شەھىرىدە ئۇدا يەتتە قېتىم ياشانغانلارنىڭ ئالدىنىپ قېلىش دېلوسى يۈز بەردى، ئەڭ يۇقىرى بولغان دېلونىڭ چېتىلىدىغان سوممىسى 130 مىڭ يۈەن بولغان. ئالدامچى ئۇنسۇرلار ج خ، تەپتىش، سوت خادىملىرىنىڭ سىياقىغا كىرىۋېلىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى پۇل يۇيۇش، سالاھىيىتىنى سۇيئىستېمال قىلىش قاتارلىق ئىشلارغا چېتىلغان دېگەن سەۋەبلەر بىلەن قاقتى-سوقتى قىلىپ، ياشانغانلارنى ئالداپ بانكىغا بارغۇزۇپ، ئۆزلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئىسچوتىغا پۇل ئۇرغۇزغان.

  شيامېن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ جىنايى ئىشلار رازۋېدكا تارماق ئەترىتىنىڭ باشلىقى ۋۇ شىيوڭ مۇنداق دېدى: پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىغا قانۇنسىز ئېرىشىش، ئېلىپ سېتىش ئاللىقاچان بىر قارا كەسىپكە ئايلاندى. بىر تەرەپتىن، چوڭ سانلىق مەلۇمات سودىسى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، ھەرخىل ئېلان شىركەتلىرى، چوڭ سانلىق مەلۇمات سودىگەرلىرى، سۇغۇرتا شىركەتلىرى، ۋاسىتىچىلىك شىركەتلىرى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىغا بولغان ئېھتىياجى ناھايىتى زور، يەنە بىر تەرەپتىن، پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىغا دەخلى- تەرۇز قىلىش جىنايىتى تېلېگراف تورى ئالدامچىلىقى، پۇل مۇئامىلە ئالدامچىلىقى، قاقتى-سوقتى قىلىش قاتارلىقلاردا دېلو سادىر قىلىشقا ئاسانلىق يارىتىدۇ. بۇ، بۇنداق جىنايى ھەرىكەتلەرنى قايتا-قايتا چەكلىسىمۇ تۈگىمەسلىكىنىڭ مۇھىم سەۋەبى.

  مۇخبىرنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، ئۇچۇرنىڭ سۈپىتىگە ۋە ئېلىپ-سېتىش دەرىجىسىگە ئاساسەن، بىر ئۇچۇرنىڭ باھاسى نەچچە پۇڭدىن نەچچە يۈز يۈەنگىچە ئىكەن. «ئالتۇن مىقدارى» يۇقىرى ئۇچۇرلارنىڭ باھاسى يۇقىرى بولۇپ، مەسىلەن، يېڭىدىن سېلىنغان ئائىلىلىكلەر قورۇلىرىدىكى ئۆي ئىگىلىرى، يېڭى ماشىنا سېتىۋالغان ماشىنا ئىگىسى، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق، يېڭىدىن ئوقۇشقا كىرگەن ئوقۇغۇچىلار، يېڭىدىن توردا مال سېتىۋېلىش تالونى قاتارلىق «يېڭى» ئۇچۇرلارنىڭ ھەر بىرى ئون نەچچە يۈەندىن نەچچە ئون يۈەنگىچە سېتىلىدىكەن.

  «جاسۇس»لار ئۇچۇرلارنىڭ ئاشكارىلىنىشىدىكى ئاساسلىق يول

  فۇجيەن ج خ ئورگىنىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: پاش قىلىنغان دېلولاردىن قارىغاندا، «جاسۇس»لارنىڭ قولىدىكى ئۇچۇرلىرىنى سېتىپ بېرىشى ۋە خاككىرلار ھۇجۇمى پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق يول.

  فۇجۇ شەھەرلىك ج خ تارماقلىرى پاش قىلغان پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش ئالاھىدە چوڭ بىر دېلوسىدا، قولغا چۈشكەن 19 جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئاساسلىقى ئۆي-زېمىن ئېچىش، سېتىش، ۋاسىتىچىلىك قىلىش خىزمەتچى خادىملىرى ئىكەن. ئۇلار خىزمىتىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى قانۇنسىز توپلاش، ئالماشتۇرۇش، سېتىش قىلمىشلىرىنى سادىر قىلغان.

  باش مەنبەدىكى «مۇداپىئە تېمى»نى ياخشى سوقۇپ، «سېتىۋېلىش بازىرى»نى قاتتىق تەرتىپكە سېلىش كېرەك

  ج خ ئورگانلىرى، تور بىخەتەرلىكى تارماقلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا، باش مەنبەدىكى «مۇداپىئە تېمى»نى ياخشى سوقۇش مۇھىم ھالقا، ئىشتىن بۇرۇن ئالدىنى ئېلىش، ھەر ۋاقىت تەكشۈرۈش-ئۆلچەش، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاگاھلاندۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىش لازىم.

  شيامېن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا تارماق ئەترىتى ساقچىسى چېن خۇڭ قاتارلىقلار مۇنداق تەكلىپ بەردى: پۇقرالارنىڭ مۇھىم شەخسىي ئۇچۇرلىرى زىچ توپلاشقان ئورۇنلار، مەسىلەن، بانكا، ئۆي-زېمىن مەركىزى، باج ئورگانلىرى، ئاپتوموبىل باشقۇرۇش قاتارلىق تارماقلار سان-سېفىرلىق سالاھىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇش، خىزمەتچى خادىملار چوقۇم ئۆزىنىڭ سان-سېفىرلىق سالاھىيەت نومۇرى ئارقىلىق سېستىمىغا كىرىش، تەكشۈرۈش، ئىدارىدىكى ئۇچۇر سانلىق مەلۇماتلىرىنى چۈشۈرۈش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى قىلىش، پۈتۈن مۇساپىدە ئىز قالدۇرۇش، پەۋقۇلئاددە ئۇچۇر ئاشكارىلىنىش ئەھۋالى يۈز بەرسە، مەسئۇل خادىمنى سۈرۈشتۈرەلەيدىغان بولسا ئەھۋال كۆپ ياخشىلانغان بولاتتى.

  ئاز بولمىغان دېلو بېجىرگۈچى ساقچىلار مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزنىڭ پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى توپلاش، سېتىش قاتارلىق سېتىۋالغۇچى بازارلارغا بولغان زەربە بېرىش سالمىقى كۆرۈنەرلىك يېتەرلىك ئەمەس. ئۇچۇر سېتىۋېلىش بازىرىغا بولغان تۈزەش، تەرتىپكە سېلىشنى كۈچەيتىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر