خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-دېكابىر، جۇڭگو قىزىل كىرېست فوندى جەمئىيىتىنىڭ 71-قارارلىق يېزا، كەنت دوختۇرلىرىنى تەربىيەلەش سىنىپى دەرس باشلاش مۇراسىمى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىرىدىن كەلگەن 100دىن ئارتۇق يېزا، كەنت دوختۇرى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 2-دوختۇرخانىنىڭ دوختۇرلىرىغا ئەگىشىپ، 12 كۈنلۈك خىزمەتتىن ئايرىلىپ ئومۇمىي بۆلۈملەر بويىچە ئۆگىنىشنى باشلىدى.بۇ قارارلىق يېزا، كەنت دوختۇرلىرىنى تەربىيەلەش سىنىپى جۇڭگو قىزىل كىرېست فوندى جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كىرېست جەمئىيىتى ئۈستىگە ئېلىپ ئۆتكۈزگەن. شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 2-دوختۇرخانا ت ھەمكارلىشىپ ئۆتكۈزگۈچى ئورۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن تەجرىبىسى مول، كەسپىي ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان كىلىنىكا 1-سېپىدىكى تايانچ دوختۇر- مۇتەخەسسىسلەرنى دەرس ئۆتۈشكە ئەۋەتىپ يېزا، كەنت دوختۇرلىرىنى سىستېمىلىق تەربىيەلەشنى باشلىدى.
«يېزا، كەنت دوختۇرلىرىنى تەربىيەلەش پىلانى» جۇڭگو قىزىل كىرېست فوندى جەمئىيىتى 2006-يىلى جۇڭگو يېزا دوختۇرلىرىنى تەربىيەلەش مەركىزى قاتارلىق دۆلەت دەرىجىلىك تېببىي تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى ۋە يېزا، كەنتلەرنىڭ سەھىيە-داۋالاش شارائىتىنى ياخشىلاشقا كۈچ چىقىرىۋاتقان مېھىر-شەپقەپ يەتكۈزۈش كارخانىلىرى بىلەن بىرلىشىپ يولغا قويغان جامائەت پاراۋانلىقى تەربىيەلەش تۈرىدىن ئىبارەت.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى