باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پۇتىن 2018-يىلى رۇسىيەنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

2017.12.07 16:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 6-دېكابىر رۇسىيەنىڭ 2018-يىلى 3-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يېڭى بىر نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  بۈگۈنكى رۇسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پۇتىن شۇ كۈنى رۇسىيەنىڭ غەربىدىكى تۆۋەنكى نوۋگورود شەھىرى ۋە گوركىي ئاپتوموبىل زاۋۇتىدىكى ئىشچىلار بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۆزىنىڭ رۇسىيەنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقى، بۇ قارارىنى بۇ جايدا جاكارلاشنى ئەڭ مۇۋاپىق، دەپ قارىغانلىقىنى ئېيتقان ھەم مېنى قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت، دېگەن. پۇتىن مۇنداق دېدى: رۇسىيە ئىزچىل تەرققىي قىلىدۇ، ھەرقانداق كىشى، ھەرقانداق ۋاقىتتا رۇسىيەنىڭ تەرققىيات قەدىمىنى توسۇۋالالمايدۇ.

  يېقىنقى نەچچە ئايدىن بۇيان، پۇتىننىڭ 2018-يىللىق زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىش-قاتناشماسلىقى توغرىسىدا نۇرغۇن سورۇنلاردا كۆپ قېتىم سوئال سورالدى، بىراق ئۇ بۇ ھەقتە تېخى قارار چىقارمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  پۇتىن ھازىر 64 ياشتا بولۇپ، 2000-يىلى رۇسىيەنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن، 2004-يىلى داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتىگەن. رۇسىيەنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا بىر كىشىنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۇدا ئىككى نۆۋەتتىن ئارتۇق ئۇدا ئۆتىسە بولمايدىغانلىقى بەلگىلەنگەن بولغاچقا، پۇتىن 2008-يىلى زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتناشماي، ھۆكۈمەتنىڭ زۇڭلىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىدى. شۇ يىلىنىڭ ئاخىرىدا، رۇسىيە دۆلەت دۇماسى (پارلامېنتنىڭ تۆۋەن پالاتاسى) ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى يولغا قويۇپ، زۇڭتۇڭنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى تۆت يىلدىن ئالتە يىلغىچە ئۇزارتىپ، 2012-يىلى يېڭى زۇڭتۇڭ سايلانغاندىن باشلاپ يولغا قويدى. 2012-يىلى 3-ئايدا، پۇتىن 3-قېتىم زۇڭتۇڭلۇققا سايلاندى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر