باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى «توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى دەرىجىسىنى 12 يىلغا ئۆستۈرۈش» شەرتىنىڭ ھازىرلانمىغانلىقىنى بىلدۈردى

2017.12.06 17:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. «ھازىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچى مائارىپىنى مەجبۇرىيەت مائارىپىغا كىرگۈزۈش شەرتى تېخى ھازىرلانغىنى يوق، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچى مائارىپىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى-ئومۇملاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتىن ئىبارەت». يېقىندا توردا تارقالغان توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى دەرىجىسى 12 يىلغا ئۆستۈرۈلۈپ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقى» توغرىسىدىكى ئۇچۇرغا قارىتا، مائارىپ مىنستىرلىقى ئاساسىي مائارىپ مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىرقى باسقۇچتا توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى دەرىجىسى 12 يىلغا ئۆستۈرۈلمەيدۇ.

  بۇ مەسئۇل يولداش مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل، مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق تۆت تارماق «تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچى مائارىپىدا ئومۇملاشتۇرۇلىدىغان ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش پىلانى (2017-يىلدىن 2020-يىلغىچە)» نى بېسىپ تارقىتىپ، 2020-يىلىغا بارغاندا، مەملىكەت بويىچە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان. بىراق ئومۇملاشتۇرۇش، مەجبۇرىيەت ۋە ھەقسىز ئوخشىمايدىغان ئۈچ ئۇقۇم بولۇپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى__تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچى مائارىپىنى مەجبۇرىيەت مائارىپىغا كىرگۈزۈش ياكى ھەقسىز مائارىپنى يولغا ىويۇشتا ئەمەس، بەلكى ئوقۇيدىغانغا مەكتەپ بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا.

  بۇ مەسئۇل مۇنداق دېدى: مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ ئومۇملاشتۇرۇش، تەكشى، مەجبۇرىي ۋە ھەقسىز بولۇش قاتارلىق خاراكتېرى بار، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنى» دا، ئېلىمىزدە توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى يولغا قويۇش ئېنىق بەلگىلەندى. مەجبۇرىيەت مائارىپى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، 2016-يىلى، ئېلىمىزنىڭ توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى مۇستەھكەملەش سەۋىيەسى %93.4 كە يېتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، بىراق مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى تەكشى، تولۇق بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر يەنىلا گەۋدىلىك بولۇپ، كەلگۈسى بىر مەزگىللىك مەجبۇرىيەت مائارىپىنى مۇستەھكەملەش سەۋىيەسى ۋە تەرەققىيات سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل. «ئومۇملاشتۇرۇش جەريانىدا، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇش مەسىلىسىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىش كېرەك، ھازىر ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلدۇق، كېيىنكى باسقۇچتا، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىنىڭ ئارخىپ، كارتا تارقىتىپ، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنى ھەقسىز ئوقۇتۇش خىزمىتىنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك».

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر