باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى يەرلىكلەر تەكشۈرۈپ ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ پار بىلەن تەمىنلىنىش مەسىلىسىنى تېزدىن ھەل قىلىش كېرەك، دېدى

2017.12.07 14:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا تاراتقۇلار خەۋەر قىلغان، شىمالدىكى بىر قىسىم مەكتەپلەرنىڭ تېخى پار بىلەن تەمىنلەنمىگەن، ئوقۇغۇچىلار سوغۇقتا توڭلاپ كەتكەندە «مەيداندا يۈگۈرۈش ئارقىلىق ئىسسىنغان»لىقى قاتارلىق مەسىلەرگە قارىتا، 6-چېسلا ئۆتكۈزۈلگەن مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مائارىپ مىنستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى شۈ مېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مائارىپ مىنىستىرلىقى بۇ مەسىلىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، مىنستىر قاتارلىق رەھبەرلەر ھەقىقىي ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى پار بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسىنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە ھەل قىلىشقا تەستىق سالدى. 5-چېسلا، گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مۇپەتتىشلىك كومىتېتى ئىشخانىسى ئالاقىدار ئۆلكىلەرگە ھەيدەكچىلىك قىلىش ئۇقتۇرۇشى تارقىتىپ، بۇ ئۆلكىلەرنىڭ بۇ مەسىلىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئەھۋالنى تېز ئېنىقلاپ، مەسىلىنى تېز ھەل قىلىپ، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىنىڭ نورمال ئوقۇتۇشنى قانات يايدۇرۇشىغا كاپالەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  شۈمىي مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يەرلىك ئاساسىي قاتلام ھۆكۈمەتلىرى، مائارىپ تارماقلىرى ۋە مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىسسىنىش مەسىلىسىگە ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلىشنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر