خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇن راخمان خەۋىرى، فوتوسى): يېقىنقى كۇنلەردىن بۇيان،پوسكام ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى ئوتتۇرا–باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى 40 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى ئارىسىدا پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش،تەشۋىق قىلىش،ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئۆزلەشتۇرۇش پالىيىتىى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۇرۇلدى. ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار قۇرۇلتاي روھىدىن زور ئىلھام ئېلىپ، ئوقۇتۇش تەلىم-تەربىيە ئىشلىرىغا تەسىر يەتكۇزمەسلىك شەرتى ئاستىدا خەلق ئۇچۇن خالىس توھپە قوشۇش تىپىدىكى جامائەت پاراۋانلىقى پالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ،كوچىلار ۋە ئىدارە-جەمىيەت،يېزا،كەنت، مەھەللە ۋە ئائىلىلەرگىچە بېرىپ يول،ئورمان بەلبېغىنى سۇپۇرۇپ تازىلاش، ئىشىك-دېرىزە،رىشاتكا،يول ئەسلىھەلىرىنى سۇرتۇپ تازىلاشپائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پاكىز ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بەرپا قىلىشقا ئاۋاز قوشتى.
سۇرەتتە:12-ئاينىڭ6-كۇنى، كۇيباغ يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار چۈشلۈك دەم ئېلىش ئارىلىقىدا، يېزا بازىرىدىكى يول، ئورمان بەلبېغىنى تازىلىماقتا
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى