خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇن راخمان خەۋىرى، فوتوسى) يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، پوسكام ناھىيەسىنىڭ ھەرقايسى يېزا-بازار شىپاخانىلىرىدىكىلەر پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى نۆۋەتتىكى ۋە بۇندىن كېيىنكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ تۇتۇپ،پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش دولقۇنى قوزغىدى. كۇيباغ يېزىلىق مەركىزىي خەلق شىپاخانىسى شىپاخانىدىكى 50دىن ئارتۇق ھەر مىللەت دوختۇر-سېسترالار ئارىسىدا تۇرلۇك شەكىلدە قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش،تەشۋىق قىلىش، ئوزلەشتۇرۇشنى ئوزلۇكسىز چوڭقۇرلاشتۇردى.
سۇرەتتە: 12-ئاينىڭ 4–كۇنى، كۇيباغ يېزىلىق مەركىزىي خەلق شىپاخانىسىدىكى دوختۇر-سېسترالار قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگەنمەكتە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى