خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇن راخمان خەۋىرى، فوتوسى) پوسكام ناھىيەسىدىكى دېھقانلار يۇقىرىنىڭ بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى چاقىرىقىغا قىزغىن ئاۋاز قوشۇپ، قانداق قىلغاندا نامراتلىقتىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ؟ دېگەن مەسىلە ئۈستىدە كۆپ ئىزدىنىپ، كادىرلار ۋە تېخنىكلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە يازدا 200 مىڭ موغا يىقىن كۆلەمدىكى چىلانۋە ياڭاقلىق باغقا تېرىلغان بۇغداي ئېڭىزى ئورنىغا يوپۇق يېپىپ بەرەڭگە، يېسسىۋېلەك، چامغۇر، پىياز،سەۋزە قاتارلىق 10 نەچچە خىل كۈزلۈك كۆكتات ۋە قوغۇن-تاۋۇز قاتارلىقلارنى كىرىشتۇرۇپ تېرىغان ئىدى. ئىلمىي ئۇسۇلدا ياخشى پەرۋىش قىلغانلىقتىن، كۆكتات ۋە قوغۇن-تاۋۇزدىن ئۇبدان ھوسۇل ئېلىپ، 12-ئاينىڭ باشلىرىغىچە كۈزلۈك كۆكتات،قوغۇن-تاۋۇزلىرىنى سېتىپ، ھەر مو يەردىن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 4000 يۈەندىن 5000 يۈەنگىچە كىرىم قىلدى.
12-ئاينىڭ 4–كۈنى، ئاقتام يېزىسىنىڭ باش توزاقچى كەنتىدىكى دېھقانلار يېسسىۋېلەكلەرنى بازارغا ئاپىرىپ سېتىشقا تەييارلىماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى