- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
كېلەر يىلى ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزىدىغانلار سانىنىڭ 8 مىليون 200مىڭ كىشىگە يېتىشى مۆلچەرلەندى
2017.12.07 14:59 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-چېسلا، مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، مەملىكەت بويىچە 2018-يىلى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلار سانىنىڭ 8 مىليون 200مىڭغا يېتىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2001-يىلىدىن باشلاپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچى سانى داۋاملىق ئاشماقتا ئىكەن، 2017-يىللىق مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 7 مىليون 950 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، 2016- يىلىدىكىدىن 300 مىڭى ئاشقان.
مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى لىن خۇيچىڭ 2018-يىللىق مەملىكەتلىك ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە ئىگىلىك تىكلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ۋە تېخىمۇ تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر