خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارى مۇخبىرىمىز قۇرباننىياز قاسىن خەۋىرى، فوتوسى) گۇما ناھىيەسىنىڭ مائارىپ سىستېمىسىدىكى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنىتەشۋىق قىلىش، سەييارى لېكسىيە سۆزلەش تەشۋىقات گۇرۇپپىسىدىكىلەر يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان،ناھىيە تەۋەسىدىكى ھەر قايسى يېزا-بازارلىق ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ، يەسلىلەرگەبېرىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چۇشىنىشلىك تىللار بىلەن ھەر تەرەپلىمە، كۆپ نۇقتىدىن شەرھلەپ،ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىغا بولغان چۈشەنچىسى ۋە تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇردى .
سۈرەتتە : 12-ئاينىڭ 7-كۇنى، گۇما ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى تەشكىللىگەن تەشۋىقات گۇرۇپپىسى سانجۇ بازارلىق 1– باشلانغۇچ مەكتەپتە لېكسىيە سۆزلىمەكتە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى