- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
يېڭى يىللىق پويىز بېلىتى يېقىندا سېتىلىدۇ! 12-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن باشلاپ پويىز بېلىتىنى ئالدىن سېتىۋېلىش مۇددىتى 30 كۈنگە ئۆزگەرتىلىدۇ
2017.12.11 15:57 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12306 تور پونكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مەملىكەت بويىچە تۆمۈر يول يېڭى قاتناش خەرىتىسىنى تۈزۈش خىزمىتى تولۇق تاماملىنىپ، 12-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن باشلاپ، مەملىكەت بويىچە ئاساسلىق غول لىنىيەلىك يولۇچىلار پويىزىنىڭ بېلىتىنى ئالاقە تورى، تېلېفوندا زاكاز قىلىپ ئالدىن سېتىش مۇددىتى 30 كۈنگە ئۆزگەرتىلىدىكەن، تەپسىلاتىنى ھەر قايسى تۆمۈر يول ئىدارىسى ۋە ۋوگزالىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدىن كۆرسە بولىدىكەن.
بۇنىڭدىن بۇرۇن، مەملىكەت بويىچە تۆمۈر يول پويىز يۈرۈش خەرىتىسىنى تەڭشەشنىڭ تەسىرىدە پويىز بېلىتىنى ئالدىن سېتىش مۇددىتى ۋاقىتلىق تەڭشىلىپ، 11-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن باشلاپ پەقەت 12-ئاينىڭ 25-كۈنى(پويىزنىڭ يولغا چىقىش ۋاقتى)دىن ئىلگىرىكى پويىز بېلىتى سېتىلغانىدى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر