باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چەت ئەلدىكى 179 جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلارغا بىرلا ۋاقىتتا تەزىيە بىلدۈرىدۇ

2017.12.11 15:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقى يۈز بەرگەنلىكىنىڭ 80 يىللىقى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 13-دېكابىردىكى نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلارغا دۆلەت بويىچە تەزىيە بىلدۈرۈش كۈنىنىڭ ئالدى-كەينىدە، جياڭسۇدا 16 تۈرلۈك «دۆلەتنىڭ ئار-نومۇسىنى ئۇنتۇماي، جۇڭخۇا ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش» ئاساسىي تېما قىلىنغان بىر قاتار تەشۋىقات ـ تەربىيە پائالىيەتلىرى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇلىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، تۇنجى قېتىم دۇنيا بويىچە نەچچە دۆلەت ۋە رايوندا چەت ئەلدىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى، جۇڭگولۇقلار تەشكىلاتلىرىنىڭ ماس قەدەمدە تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيەتلىرى تەشكىللىنىپ قانات يايدۇرۇلىدىكەن.

  13-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا، دۆلىتىمىز جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغان قېرىنداشلار خاتىرە سارىيىنىڭ يىغىن مەيدانىدا، دۆلەت بويىچە تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ.

  تەزىيە بىلدۈرۈش كۈنىنىڭ ئالدى-كەينىدە، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى «ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشتا ئۆيىگە يېزىلغان خەت» توپلاش ۋە دېكلاماتسىيە قىلىش پائالىيىتى، ياشلار- ئۆسمۈرلەر تەزىيە بىلدۈرۈش، خاتىرىلەش پائالىيىتى، توردا تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى، نەنجىڭ «خەلقئارا بىخەتەرلىك رايونى» جامائەت پاراۋانلىقى پىيادە مېڭىش پائالىيىتى، «نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىنىڭ 80 يىللىقىنى ئەسلەش» ئەسلىمە پائالىيىتى قاتارلىق جەمئىي ئون تۈرلۈك بىر قاتار ئاممىۋى باش تېمىلىق تەربىيە پائالىيىتىنى تەشكىللەيدۇ.

  تەزىيە بىلدۈرۈش كۈنىدە، نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلارغا دۆلەت بويىچە تەزىيە بىلدۈرۈش كۈنى مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەندىن سىرت، يەنە تۆۋەندىكى ئالتە تۈرلۈك خاتىرىلەش، تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى: بىرىنچى، بايراقنى يېرىم چۈشۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش؛ ئىككىنچى، نەنجىڭ شەھىرىدىكى بىر قىسىم رايوندا ماس قەدەمدە تەزىيە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش؛ ئۈچىنچى، مەملىكەت بويىچە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنى خاتىرىلەش (مۇزېي) سارىيىدا ماس قەدەملىك تەزىيە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش؛ تۆتىنچى، چەت ئەلدىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى، جۇڭگولۇقلار تەشكىلاتلىرى تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى ماس قەدەمدە قانات يايدۇرۇش؛ بەشىنچى، «دۇنيا تىنچلىقى قانۇنى» تەشكىللەش؛ ئالتىنچى، «شام نۇرىدا تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى» ئۆتكۈزۈش قاتارلىقلار.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر